يېقىندا خىتاي دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تېكەس ناھىيەسىدىكى قاراجۈل يايلىقى بىلەن خوتۇنسۇمبۇل ناھىيەسىگە قاراشلىق بايىنبۇلاق يايلىقىنى دۆلەتلىك 5-ئا دەرىجىلىك ناياھەت نۇقتىسى تىزىمىغا كىرگۈزگەن.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قاراجۈل يايلىقى بىلەن بايىنبۇلاق يايلىقىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى دۆلەتلىك 5-ئا دەرىجىلىك ساياھەت نۇقتىسى تىزىمىغا كىرگەن ئورۇنلار 11 گە يەتكەن بولۇپ، خىتاي بويىچە 2-چوڭ ساياھەت ئۆلكىسىگە ئايلانغان.
ھالبۇكى، بۇ خەۋەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىر قىسىم مۇھىت قوغدىغۇچىلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئىقلىمى تىپىك ئىچكىي قۇرۇقلۇق تىپىغا مەنسۇپ بولغان ئۇيغۇر ئېلىدا دۆلەتلىك ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ كۆپىيىشى بۇ يەرگە تۈركۈملەپ كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىكەن.
بوغدا كۆلى بىلەن قاناس كۆلىنىڭ دۆلەتلىك ساياھەت نۇقتىسى قىلىنغاندىن كېيىنكى تەبىئىي مۇھىتىدىكى بۇزۇلۇش ھادىسىسى مۇھىت مۇتەخەسسىسلىرىگە بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدىكى تەبىئىي مەنزىرە رايونلىرىنىڭمۇ ۋەيران قىلىنىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتىكەن.