«شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2023-يىللىق ساياھەت يىلى مۇنبىرى» ئۇيغۇر رايونىدا باشلاندى

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» ۋە «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 24-نويابىر كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2023-يىللىق ساياھەت يىلى مۇنبىرى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 24-نويابىر كۈنى «شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە زالى» دا باشلانغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونلۇق ئاپتونوم ھۆكۈمەت بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بۇ يىغىندا «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىكى ساياھەت بوشلۇقى» تېمىسى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. بۇ يىللىق يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي، ھۆكۈمەت رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى جاڭ مىڭ، شۇنداقلا قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئىران، پاكىستان، ئۆزبېكىستان، بېلورۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ساياھەت ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىرى قاتنىشىپ سۆز قىلغان.

ما شىڭرۈي، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار ئېچىلىش نۇتقىدا قىلغان سۆزىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە «شىنجاڭغا كۈچلۈك ئارقا تىرەك بولغانلىقى ۋە شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن ياردەم بەرگەنلىكى» نى مەدھىيەلىگەن. ئارقىدىنلا شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى يولغا قويۇلغان 10 يىلدىن بۇيان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق، جۈملىدىن «شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى» نى ئوتتۇرا ئاسىياغا ۋە خەلقئاراغا يۈزلەندۈرۈشنىڭ بارغانچە چوڭقۇرلىشىۋاتقانلىقىنى، «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن ئالتۇن ماركىنى پۈتۈن دۇنياغا تونۇتۇشقا شارائىت ھازىرلىنىۋاتقانلىقىنى ماختىغان.

«شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا ئەزا ياكى كۆزەتچى دۆلەتلەرنىڭ مىنىستىرلىرىمۇ مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنى ئاساس قىلغان ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى ھەققىدە تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەسلىدە ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ھەربىي ھەمكارلىقنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ساياھەتچىلىك ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ قېلىشى ۋە بۇ ئارقىلىق «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن ماركىنى قايتا بازارغا سالماقچى بولۇشى خىتاينىڭ «بۇ رايوندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يوق، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش بارلىققا كەلدى» دېگەن تەشۋىقاتىنىڭ دىپلوماتىك ۋە كەڭ دائىرىلىك شەكلى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپلا «شىنجاڭدا ساياھەتچىلىكنى گۈللەندۈرۈش» شامىلى پەيدا قىلغان بولۇپ، قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بەزى كېلىشىملەرنى ئىمزالىغانىدى. قازاقىستاندىكى پېشقەدەم زىيالىي ۋە پائالىيەتچى قەھرىمان غوجامبەردى «شىنجاڭ-ئوتتۇرا ئاسىيا ساياھەت ھەمكارلىق ئىتتىپاقى» نىڭ قۇرۇلۇشى ھەققىدە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، بۇنداق پىلاننىڭ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە خىتاي ئاھالىلىرىنى جەلپ قىلىش، يەرلەشتۈرۈش، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيانى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.