خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ سېربىيەدىكى رەسمىي زىيارىتىدىن بۇرۇن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) قىسىملىرىنىڭ بۇنىڭدىن 25 يىل ئىلگىرى، يەنى 1999-يىلى خىتاينىڭ سابىق يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاقىنىڭ پايتەختى بېلگرادتىكى ئەلچىخانىسىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.
«سىياسەت» (Politico) گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شى جىنپىڭ 7-ماي كۈنى سېربىيەنىڭ «سىياسەت» (Politika) گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «بۇنىڭدىن 25 يىل ئىلگىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسىملىرى خىتاينىڭ سابىق يۇگوسلاۋىيەدىكى ئەلچىخانىسىنى ئوچۇق-ئاشكارا بومباردىمان قىلىپ، ئۈچ نەپەر خىتاي مۇخبىرنى ئۆلتۈردى. بىز بۇنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمىز. خىتاي خەلقى تىنچلىقنى قەدىرلەيدۇ، ئەمما بىز بۇنداق ئېچىنىشلىق تارىخنىڭ تەكرارلىنىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز».
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئەينى ۋاقىتتا بۇ ۋەقەگە ئىزاھات بېرىپ، مىلوشېۋىچ رەھبەرلىكىدىكى سېربىيە مىللەتچى قىسىملىرىنىڭ كوسوۋودىكى مۇسۇلمانلارنى قىرغىن قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېتىلغان بومبىنىڭ خاتا ھالدا بېلگرادتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باشقا ئىتتىپاقداشلىرى ئەينى ۋاقىتتا مىللىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سابىق يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاقى (ئاساسلىقى سېربىيە)گە ھەربىي كۈچ ئىشلىتىش قارارىنى ئالغان ئىدى.
شى جىنپىڭ يەنە مۇنداق دېگەن: «يۇرتداشلىرىمىزنىڭ قېنى بەدىلىگە قۇرۇلغان خىتاي-سېربىيە دوستلۇقى خىتاي ۋە سېربىيە خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئەسلىمىسىدە قالىدۇ».
مەلۇمكى، سېربىيە شى جىنپىڭنىڭ ياۋروپا سەپىرىدىكى ئىككىنچى بېكىتى بولۇپ، ئۇ سېربىيەگە بېرىشتىن بۇرۇن فىرانسىيەدە ئىككى كۈنلۈك زىيارەتتە بولغان. ئۇ بۇ قېتىملىق ياۋروپا زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا ۋېنگىرىيەگە بارىدىكەن.
خىتاي ئون يىلدىن بۇيان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە بالقان رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن. خىتاي ھازىر سېربىيەدىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچى دۆلەت ئىكەن.
شى جىنپىڭ 2016-يىلى تۇنجى قېتىم سېربىيەنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا سېربىيە بىلەن ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى خىتابنامىسى قاتارلىق ئىككى تەرەپلىك كېلىشىملەر ئىمزالىغان ئىدى. بۇ خىتاينىڭ ياۋروپادا، بولۇپمۇ بالقان رايونىدا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەسىرىنى كۈچەيتىش يولىدىكى ئۇرۇنۇشى، دەپ قارالماقتا.
