خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز بايانلىرى «سېرىقبۇيا ۋەقەسى» دىكى بىرقىسىم سىرلارنى ئاشكارىلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.12.01

2013-يىلى 23-ئاپرېل كۈنى مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ سېرىقبۇيا يېزىسىدا بولغان قانلىق توقۇنۇش ئۇيغۇر دىيارىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى ئ‍ىچىدە بىرقەدەر زور تەسىرگە ئىگە ۋەقەلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» 1-دېكابىر كۈنى زور ھەجىملىك ئەسلىمە ئېلان قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى بۇ قانلىق توقۇنۇشنىڭ «قەبىھ تېررورلۇق قىلمىشى» ئىكەنلىكىنى، خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ بۇنىڭغا «چاقماق تېزلىكىدە جاۋاب قايتۇرغانلىقى» نى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرگەن. شۇنىڭدەك بۇ ۋەقەدە خىتاي ساقچىلىرى ۋە كادىرلىرىدىن 15 كىشنىڭ ئۆلگەنلىكى، قارشىلىق كۆرسەتكۈچى ئۇيغۇرلاردىن ئالتە كىشىنىڭ ئېتپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئەمما شۇ ۋاقىتتا رادىيومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۆي تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى» نامىدىكى ئاھالە كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ئۆيمۇ-ئۆي تەكشۈرۈپ، يەرلىك ئۇيغۇرلارنى دىنىي پائالىيەتلەردىن توسۇشى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ دىنىي لىباسلارنى كىيىشىگە چەكلىمە قويۇشى، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى قاتتىق ئېلىپ بېرىشى تۈپەيلىدىن ئاھالىلەر بىلەن كادىرلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققانلىقى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇلارنى «تېررورلۇق» گۇمانى بىلەن قولغا ئالماقچى بولغاندا توقۇنۇشنىڭ ئەۋجىگە چىقىپ ئۆي ئىچىدىكىلەرنىڭ خىتاي كادىرلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ئاشكارا بولغانىدى. شۇ ئىشلاردىن كېيىن خىتاي ساقچىلار مەزكۇر ئۆينى «تېررورچىلار يوشۇرۇنغان» دەپ قاتمۇ-قات قورشىۋالغان ھەمدە ئۆي ئىچىدىكىلەر بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش بولۇپ، بىر مەيدان قانلىق ۋەقە پەيدا بولغانىدى.

بۇ قېتىم خىتاي ساقچى خادىملىرىدىن مارالبېشى ناھىيەسى چوڭقۇرچاق ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى سۇلايمان مەسئۇت ۋە سېرىقبۇيا يېزىلىق پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى ما ۋېنبو بۇ ھەقتە ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ «شۇ كۈنى يېڭى بازار ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ كادىرلىرى ۋە ساقچىلار بىر قىسىم ياردەمچى ساقچىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا ئاھالىلەرنىڭ ئ‍ۆيلىرىنى تەكشۈرۈۋاتقانىدى. شۇ ۋاقىتتا بىر ئۆيدىكى كىشىلەرنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالغان» دېگەن. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىنكى توقۇنۇشتا قولىغا پالتا ۋە پىچاق ئالغان ئۆي ئىگىلىرى قوراللىق ساقچىلار بىلەن ئېلىشىپ كادىر ۋە ساقچىلاردىن 15 كىشىنىڭ ئۆلۈشى، ئۆي ئىگىسى ۋە ئۆي ئىچىدىكى باشقىلار بولۇپ ئالتە كىشىنىڭ ئېتىپ تاشلىنىشى كېلىپ چىققان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆپ قىسىم قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى «ئۆي تەكشۈرۈش» نامىدا پۇقرالارنىڭ خۇسۇسىي ماكانىنى پاراكەندە قىلىشى ئارقىسىدا توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ئىزچىل «تېررورچىلار دەسلەپ بولۇپ ھۇجۇم قىلغان» دېگەن باياننى تەكرارلاپ كەلمەكتە ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر ,خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بىرقىسىم دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپ قىلىنىپ، خەلقئارا تەشكىلاتلار تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلىنىۋاتقاندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن 8 يىل بۇرۇنقى ۋەقەنى قايتىدىن كۆتۈرۈپ چىقىرىپ بۇنى ئۆزىنى ئاقلاشقا ئىشلەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.