ھەج مەزگىلىدە سەئۇدى - ئىران مۇناسىۋىتى يەنە يامانلاشتى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەس ھېسابلىنىدىغان ھەج مەزگىلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىراننىڭ تاشقى مۇناسىۋەتتىكى جىددىي سۈركىلىشلىرى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى پەللىگە چىققان. بولۇپمۇ، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان «مۇسۇلمانلار دۇنياسى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقىنى جازالىشى لازىم» دېگەن باياناتى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان.

فىرانسىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشكە 2015 - يىلىدىكى ھەج مەزگىلىدە 2400 دىن ئارتۇق تاۋاپچىنىڭ ئادەم دەسسىلىش ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كېتىشى ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار ۋەقەلەر سەۋەب بولغان.

ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى بولغان «ئىرنا» دا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، «سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى مەزكۇر ۋەقەدە قۇتقۇزغۇچى ئەمەس، بەلكى تاماشا كۆرگۈچى بولدى» دەپ ئەيىبلەنگەن ھەمدە مەزكۇر ۋەقەنى سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خاتالىقى ئارقىسىدا كېلىپ چىققان، دېگەننى ئىلگىرى سۈرگەن شۇنداقلا ھازىرغا قەدەر سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپنىڭ شۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئۆلۈپ كەتكەن بەش يۈزگە يېقىن ئىرانلىقنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن ئۆزلىرىدىن ئەپۇ سورىمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ھالبۇكى، سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپ بۇنىڭغا كۈچلۈك رەددىيە بېرىپ، شۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ پۈتۈنلەي تاۋاپچىلارنىڭ قائىدىگە رىئايە قىلمىغانلىقى ئارقىسىدا كېلىپ چىققانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۆلۈم ‏- يېتىم ۋەقەسىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، شۇ قېتىملىق ئادەم دەسسىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن نۇرغۇن يوللار كېڭەيتىپ ياسالغان ھەمدە يېڭىدىن كۆپلىگەن بىخەتەرلىك چارىلىرى يولغا قويۇلغان.