سەئۇدى ئەرەبىستان سۈرىيەگە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنى كىرگۈزۈشنى قارار قىلغان
2016.02.13
سەئۇدى ئەرەبىستان يېتەكچىلىكىدىكى بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ يەمەندە تۇرۇشلۇق باياناتچىسى جۈمە كۈنى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئاتالمىش ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن سۈرىيەگە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنى كىرگۈزۈشكە ئالاقىدار «ئاخىرقى» قارارنى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
«سودا ئىچكى خەۋەرلىرى» تورىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ ئۇچۇرنى باياناتچى گېنېرال ئەلى ئەلئاسسىرى ئاشكارىلىغان ۋە رىياد دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىسلام دۆلىتىگە قارىشى بىرلەشمە ئارمىيەگە قېتىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئەمما ئۇ، سۈرىيەدە ئايلاردىن بۇيان «دائىش» يەنى ئىسلام دۆلىتى كۈچلىرىنى بومباردىمان قىلىۋاتقان بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سۈرىيەگە ئەسكەر كىرگۈزۈش قارارىنى تېخى تەستىقلىمىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلغان.
رويتېرسنىڭ نەقىل قىلىشىچە، بىريۇسسېل شەھىرىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر جۈمە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ سۈرىيەگە ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرىنى كىرگۈزۈپ، ھۆكۈمەتكە قارشى يەرلىك گۇرۇھلارغا ھەمدەمدە بولۇشنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما ئۇ، يۇقىرىقى ئىككى دۆلەتنىڭ سۈرىيەدە تېخى ھەرىكەت باشلىمىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن.
ئۆتكەن ھەپتە سەئۇدى ئەرەبىستان سۈرىيەدىكى ئاتالمىش ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ھەربىي جەھەتتىن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دائىرىلىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەزكۇر قارارىغا ئاپىرىن ئوقۇغان ئىدى.









