سەئۇدى ئەرەبىستان 19-ئىيۇل كۈنى ئۆتكەن ھەپتە رۇسىيە، پاكىستان، ئەرەب ئەللىرى ۋە بەزى ئافرىقا ئەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى 36 دۆلەت قاتارىدا بىر مەكتۇپقا ئىمزا قويۇپ، خىتاينىڭ 2 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماشتەك ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى قوللىغانلىقىنى ئاقلىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ب د ت تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ئابدۇللا ئەل مۇئالىمى 19-ئىيۇل نيۇ-يورك شەھىرىدە مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە: «مەكتۇپتا پەقەت خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تىلغا ئېلىنغان. ئۇنىڭدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلە بۇ، باشقا مەسىلە ئەمەس» دېگەن. ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربتىكى 22 دۆلەتنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى بىرلەشمە ئىمزالىق مەكتۇپ ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاشنى، تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئارقىدىنلا رۇسىيە، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان، پارىس قولتۇقىدىكى ئەللەر ۋە ئافرىقادىكى بەزى دۆلەتلەر بىر مەكتۇپقا ئىمزا قويۇپ، خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئابدۇللا ئەل مۇئالىمى مەكتۇپقا ئىمزا قويغانلىقىنى ئاقلاپ: «ھېچكىم دۇنيادىكى ھەرقانداق يېرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىغا سەئۇدى ئەرەبىستاندەك كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. بىز بۇ مەكتۇپتا ئىنسانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىدىغان تەرەققىيات سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلىدۇق» دېگەن. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ مەكتۇپتا خىتاينى قوللاپ ئىمزا قويۇشى خەلقئارا زور غۇلغۇلا قوزغاپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ب د ت ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى لۇئىس چاربونې ئابدۇللا ئەل مۇئالىمىنىڭ سۆزنى تەنقىدلەپ: «بۇ مەكتۇپ خىتاينىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلغان بىر شاپىلاق. مەنتىقىسىزلىقتىكى ئېغىر خاتالىق» دېگەن. مەكتۇپقا خىتاينى قوللاپ ئىمزا قويغان 37 دۆلەتنىڭ ھەممىسى ئىستىبدات دۆلەتلەر بولۇپ، مەكتۇپتا «شىنجاڭدا تېررورلۇق ۋە رادىكاللىققا قارشى تۇرۇشتا جىددىي زورلۇقلارغا دۇچ كەلگەن خىتاي، بىر قاتار تېررورلۇق ۋە رادىكاللىقنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى ئالدى» دېيىلگەنىدى.