سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە مىسىر ھەربىي پاراخوتلىرى يەمەن دېڭىز تەۋەلىكىگە قاراپ يولغا چىققان


27 - مارت سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە مىسىر ھەربىي پاراخوتلىرى يەمەن دېڭىز تەۋەلىكىگە قاراپ يولغا چىققان. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ھەربىي پاراخوتلار باب ئەدەن (باب ئەل - مەنداب) بوغۇزىغا كېلىپ بۇ جايدىكى ئىستراتېگىيەلىك دېڭىز يولىنى ئىگىلەيدىكەن. مىسىر ھەربىي دائىرىلىرى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ دېڭىز بوغۇزىغا يېقىنلاشقان ياكى بېرىپ بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئەدەن بوغۇزى قىزىل دېڭىز ۋە سۇۋەيش قانىلىغا ئۆتىدىغان مۇھىم تۈگۈنلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

ئالدىنقى كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئەرەب بىرلەشمە قوشۇنلىرى يەمەندىكى شىئەلەردىن تەشكىللەنگەن ئەلھۇتھىييۇن قوزغىلاڭچىلىرىنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلغان.

بومباردىمانغا 100 دىن ئارتۇق كۈرەشچى ئايروپىلان قاتناشقانلىقى خەۋەر قىلغان.

مەلۇماتلاردا ھاۋا ھۇجۇمىدا ئەلھۇتھىييۇنلارنىڭ بىر قىسىم رادار ۋە ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىيلەر ئىگىدارچىلىقىدىكى بىنالارغا زەربە بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئەرەب ئارمىيىسىگە 10 ئەرەب دۆلىتى ئاۋاز قوشقان.

2012يىلى يەمەن پرېزىدېنتى ئەلى ئابدۇللا سالېھ ئاغدۇرۇلغاندىن بۇيان يەمەن توقۇنۇش قاينىمىغا پېتىپ قالغان ئىدى.

ئامېرىكا ئاۋازنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سالېھ قوزغىلاڭچى ئەلھۇتھىييۇنلار بىلەن ھەمكارلاشقان ۋە يەمەننىڭ پايتەختىنى ئىگىلىگەن ۋە يەمەننىڭ باشقا جايلىرىدىكى سۈننىيلەر توقۇنۇشۇپ پۈتۈن يەمەنگە كېڭىيىشكە باشلىغان ئىدى.