سەئۇدى ئەرەبىستان 13 ياشلىق ئۆسمۈرنى ئ‍ۆز ئىچىگە ئالغان تۆت نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختىتىپ قويغان

سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى 13 ياشلىق ئ‍ۆسمۇر قىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 نەپەر ئ‍ۇيغۇر مۇساپىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى توختىتىپ قويغان. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئ‍ەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى بۇ تۆتەيلەننى 13-ئاپرېل چارشەنبە كۈنى خىتايغا يولغا سېلىش پىلانىنى توختىتىپ قويغان. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەل 15-ئاپرېل رادىيومىزغا تۇتقۇنلارنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى دەلىللىدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، توختىتىپ قويۇش ۋەقەسى تۇتقۇنلارنى 13-ئاپرېل پىلان بويىچە خىتايغا يولغا سېلىشتىن بىر قانچە سائەت بۇرۇن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ سىياسىي ئىشلار دىپلوماتى مۇساب ئەل سەئۇد بىلەن كۆرۈشۈپ، تۇتقۇنلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنىڭ خەتەرلىرى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن.

ئەنگىلىيەدىكى «ئەل-ئەرەبىيە» گېزىتىنىڭ 14-ئاپرېل بەرگەن خەۋىرىدىمۇ سەئۇدى دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختىتىپ قويغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خەلقئ‍ارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ تۆت تۇتقۇننىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشتىن توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى قەيت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ يەنىلا «خەتەر ئاستىدا» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. خەۋەردە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ئالكان ئاكاد «ئەل-ئەرەبىيە» گېزىتىگە بەرگەن ئۇچۇرىدا، خىتايغا يولغا سېلىش ئىشىنىڭ «يۈز بەرمىگەنلىكى»، بىراق بۇ تۆتەيلەننىڭ يەنىلا «ئېغىر خەۋپ ئاستىدا» تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن بۇ تەشكىلات خىتايغا قايتۇرۇشنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاخىرىقى مىنۇتتا توختىتىپ قويۇلغانلىقى مەلۇم ئەمەسلىكىنى ئېيتقان.

ھەمدۇللا ۋەلى، نۇرمۇھەممەت روزى، بۇخەلچەم ئابلا ۋە ئۇنىڭ 13 ياشلىق قىزى مەككەدە تۇتقۇن قىلىنىپ يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيادقا ئېلىپ كېتىلگەندىن بېرى ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ھېچقانداق ئۇچۇر بولمىغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، سەئۇدى دائىرىلىرىنىڭ تۇتقۇنلارنى 13-ئاپرىل چارشەنبە كۈنى رىيادتىن گۇاڭجوغا ئۇچۇدىغان ئايرۇپىلاندا خىتايغا يولغا سالماقچى بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇ ۋەقە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچراپ، نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان. تۇتقۇنلاردىن ھەمدۇللا ۋەلى بىلەن نۇرمۇھەممەت روزى 2020-يىلى 11-ئايدا، بۈخەلچەم ئابلا بىلەن ئۇنىڭ 13 ياشلىق قىزى بىلەن بۇ يىل 31-مارت كۈنى مەككەدە تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.