سەئۇدىي ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە سوئال قويۇلدى

يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى نەپەر ئۇيغۇر مۇھاجىرنى تۇتقۇن قىلغانلىقى ھەمدە ئۇلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلدى.

23-نويابىر كۈنى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ «سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشى ھەمدە ئۇلارنى قەتئىى خىتايغا قايتۇرماسلىقى» نى تەلەپ قىلدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرى دىرېكتورى جوۋ ستورك بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە: «سەئۇدى ھۆكۈمىتى 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا ئۆزلىرىنىڭ ئىجابىي ئوبرازىنى ياراتماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرسە ئۇلارنىڭ خەلقئارادىكى ئابرويى بىر تىيىن بولىدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بىر قىسىم ئىسلام ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋە خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قىلمىشى بىرنەچچە قېتىم سادىر بولغان ھادىسە بولۇپ، بۇ قېتىم ھەر ساھە خەلقى سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنى ئۆزلىرى ئىمزا قويغان خەلقئارالىق ئەھدىنامىلارغا رىئايە قىلىشقا جىددىي ئۈندىمەكتىكەن.