«دەۋر» ژۇرنىلى: «ئامېرىكا 30 يىل ئاۋۋال ئامېرىكادىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى قوغدىغان، ئەمدى ئۇيغۇرلارنى قوغداش ۋاقتى كەلدى»

ئامېرىكىدىكى «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ ئالىي مۇھەررىرى مايكېل زېنىي مەزكۇر ژۇرنالدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» دە ئامېرىكادىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنى قوغدىغانلىقى، مانا ئەمدى ئۇيغۇرلار ئامېرىكانىڭ ئۆزلىرىنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مايكېل زېنىينىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇنىڭدىن 30 يىل ئاۋۋال ئامېرىكادىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار خىتايغا قايتىپ بارسا تۇتقۇن قىلىنىپ، قاماق جازاسى ياكى ئەمگەك لاگېرىغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسا، مانا ئەمدى ئۇيغۇرلار شۇنىڭغا ئوخشاش تەقدىرگە دۇچ كەلمەكتە ئىكەن. ئۇ ئامېرىكادىكى ئوقۇغۇچى ئەركىن ئارافاتنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئەگەر ئۇ يۇرتىغا قايتىپ بارسا قانداق بولىدىغانلىقىنى سورىغان. ئەركىن ئەرەفات ئۆزىنىڭ «ئەگەر مەن تەلەيلىك بولسا قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقى ياكى لاگېرغا ئەكىتىلىدىغانلىقى، ئەگەر تەيىلى بولمىسا ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇشۇشى مۇمكىنلىكى» نى بىلدۈرگەن.

ئاپتور يەنە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى سوفىيە رىچاردسوننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ «ئامېرىكادىكى ۋە ھەرقانداق جايدىكى ئۇيغۇرنىڭ قوغداشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى ئېنىق» دېگەنلىكىنى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارى مايكېل كوزاكنىڭ بۇ يىل 3‏-ئايدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى «1930‏-يىللاردىن كېيىن كۆرۈپ باقمىغان» دەپ تەسۋىرلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئاپتور يەنە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مۇدىرىيەت ھەيئىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەلنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن. نۇرىي تۈركەل «بىر ئۇيغۇرنىڭ بىر يوللۇق يوللۇق بىلەت ئېلىپ خىتايغا قايتىپ بارسا، ئۇنىڭغا نېمە بولىدىغانلىقىنى قىياس قىلىش مۈشكۈل ئەمەس» لىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، «ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا ئالاھىدە قوغدىلىش سالاھىيىتى بېرىشى خىتايغا ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارغا تۇتقۇن مۇئامىلىسىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق سىگنال بېرىدىكەن.» ئۇ ئامېرىكا ۋە باشقا جايلاردىكى خىتاينىڭ غەزىپىنى قوزغاشقا تەۋەككۈل قىلىپ، سۆزلەشكە جۈرئەت قىلىۋاتقان بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى، «بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم پەيدا قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە كىچىك بولسىمۇ، بەزى قەدەملەرنى بېسىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقى، لېكىن ئۇلارنىڭ داۋاملىق سۆزلىشى ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ ئۇلارنى قوغدىشىغا توغرا كېلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.