17-ئاۋغۇست، «دىپلومات» ژۇرنىلىدا ۋىللىيام نىي ئىسىملىك بىر ئانالىزچىنىڭ «خىتايدا قوبۇل قىلىنىدىغان بىردىنبىر دىن ‹شى جىنپىڭ ئىدىيەسى› دۇر» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىككە بارغانچە دۈشمەنلىك قىلىشىنىڭ ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىسلام دىنى ۋە خىرىستىيان دىنىغا ئوخشاش چوڭ دىنلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيە سىستېمىسى، شۇنداقلا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «داھىيلىق ئورنى» غا تەھدىت ئېلىپ كەلگەن. بۇ خەۋپنى تۈگىتىش ئۈچۈن، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ كومىتېتىنىڭ رولىنى كۈچەيتىپ، دىنىي تەشكىلاتلارغا ئىدىيە ئۆزگەرتىشى ئېلىپ بارغان ۋە ئۇلارنى تامامەن ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرغان؛ مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىگە بويسۇنمىغان دىنىي تەشكىلاتلار ۋە دىنىي داھىيلارغا ھەر خىل جىنايەتلەرنى ئارتىپ، ئۇلارنى جازالىغان. خىتاي كومپارتىيەسى 2014-يىلدىن بۇيان 1046 ئىمامنى تۇتقۇن قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىدىن باشقا نىڭشىيا، يۈننەن ۋە سەنشىيادىكى خۇيزۇ مۇسۇلمانلىرىغىمۇ چەكلىمە قويغان.
ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان بىر خىتايشۇناس تەھلىلچىنىڭ بايانىغا قارىغاندا، خىتايدا 1978-يىلدىن 2013-يىلغىچە دىنىي ئەركىنلىككە ئازراق بولسىمۇ يول قويۇلغان، ئەمما شى جىنپىڭ دەۋرىدىن كېيىن بۇ ئەركىنلىك زور دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچرىغان، شى جىنپىڭ باشقا دۆلەتتىن كىرگەن دىنلارنى خىتايچىلاشتۇرۇش ۋە يېڭىدىن دىنىي ئېقىمنىڭ كىرىشىنى چەكلەش سىياسىتى يۈرگۈزگەن؛ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ماركىسىزمغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاتېزىمچىلاردىن بولۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان.
مەسخىرىلىك يېرى شۇكى، شى جىنپىڭ بارلىق كومپارتىيە ئەزالىرىغا قىلغان سۆزىدە، ھېچقانداق دىنغا ئېتىقاد قىلمىسىمۇ قەلبىدە «ئېتىقاد-ئىشەنچ» بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن ھەمدە «شى جىنپىڭ ئىدىيەسى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ ئىدىيەگە ئەمەل قىلىشنىڭ ماركىسىزمغا ئەمەل قىلىش بىلەن بىردەك ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلغان. «شى جىنپىڭ ئىدىيەسى» نى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسىغا كىرگۈزۈشكە مۇۋەپپەق بولغان شى جىنپىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆز ئىدىيەسىنى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قىممەت قارىشى، ئەخلاق ئىدىيەسى ۋە ئىجتىمائىي غايىسىگە، يەنى ئۇلارنىڭ ئېتىقادىغا ئايلاندۇرماقچى بولغان.