«شىنجاڭ شاھىتلار ئامبىرى» ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىلگەن 6 مىڭدەك بالىنى ئارخىپلاشتۇرغان

خىتاينىڭ 2017-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا لاگېر، تۈرمىلەرگە قامالغان ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئارخىپلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان «شىنجاڭ شاھىتلار سانلىق مەلۇمات ئامبىرى»، ئاتا-ئانىسى تۇتقۇن قىلىنىشى سەۋەبىدىن يېتىم قالغان 6 مىڭدەك بالىنى ھۆججەتلەشتۈرۈپ چىققان.

بۇ سان، خىتاينىڭ 2016-يىلىدىن بېرى رايوندىكى «بالىلار لاگېرى» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان «ياتاقلىق مەكتەپلىرى» گە مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاز دېگەندە 600 مىڭدەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا يەرلىك مىللەت بالىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ ئاز بولسىمۇ، بىراق بۇ سانلىق مەلۇمات ئاتا-ئانىسى تۇتقۇندىكى بالىلارنىڭ ئىسمى، رەسىمى يۇرتى ۋە باشقا ئۇچۇرلىرىنى ‍ئۆز ئىچىگە ئالغان.

«شىنجاڭ شاھىتلار سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» نىڭ 3-مارت كۈنى X ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلار يەنە ئاتا-ئانىسى بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يېتىمخانىلارغا ئېلىپ كېتىلگەن 1700 دىن ئارتۇق بالىنى ھۆججەتلەشتۈرگەنىكەن.

«شىنجاڭ شاھىتلار سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» بۇ ئۇچۇرنى خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنى «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» تەشۋىقاتىدا قوللىنىۋاتقانلىقىغا قارىتا ئېلان قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلا مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىننىڭ «فەيسبوك» قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۇسۇل ئوينىغان بىر ۋىدىيوسىنى ھەمبەھىرلىشى «شىنجاڭ شاھىتلار سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» نىڭ يۇقىرىقى ‍ئىنكاسىنى قوزغىغان. خىتاينىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىپ «ياتاقلىق مەكتەپلەر» گە ئورۇنلاشتۇرۇشى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق تارماقلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان بىر مەسىلە.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ ئىلگىرى ئېلان قىلغان دوكلاتلىرىدىمۇ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىلىشى تەنقىد قىلىنغان. بۇ، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە يېتىلىشىدىكى «ئەندىشە قىلارلىق» ۋەزىيەت ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەنىدى.

ئامېرىكانىڭ «راندى شىركىتى» گە باغلىنىشلىق بەزى تەتقىقات تۈرلىرىنىڭ ئىلگىرى رادىيومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇلار سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلەردىن خوتەن ئەتراپىدا قۇرۇلغان «بالىلار لاگېرلىرى» نى بايقىغانىكەن.