«شىنجاڭ شاھىتلار ئامبىرى» دا 18 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان

«شىنجاڭ شاھىتلار سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» دا 2009-يىلىدىن 2015-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا تۇتقۇن قىلىنىپ، قاماققا ئېلىنغان 18 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ چىقىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھۆججەت 2021-يىلى قەشقەر «كونا شەھەر ھۆججەتلىرى» دىن ئاشكارىلانغان 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ تىزىملىكىدىن باشقا، بۇ جەھەتتىكى مەھبۇسلار سانى ئەڭ كۆپ تىزىملىك بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. «شىنجاڭ شاھىتلار ئامبىرى» دا ‍ئېلان قىلىنغان يېڭى مەلۇماتتا «كونا شەھەر ھۆججەتلىرى» دىكى مەھبۇسلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلار ئىكەنلىكى، لېكىن يېڭىدىن رەتلەپ چىقىلغان 18 مىڭ 192 نەپەر مەھبۇسنىڭ 2009-يىلىدىن 2015-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا تۇتقۇن قىلىنغانلار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھۆججەتتىكى 18192 نەپەر مەھبۇسقا ئائىت ئۇچۇرلار بىر قەدەر تەپسىلىي ھەم كونكرېت بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى سىياسىي ۋە دىنىي سەۋەبلەردىن جازالانغانلار ئىكەن. مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەھبۇسلارنىڭ تۇرۇشلۇق مەھەللە، يېزىلاردىكى ئادرېسى بېرىلگەن بولۇپ، بۇ تىزىملىكتىكىلەر ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەممە جايىغا تارقالغان، ئەمما شىمالدىكى ئۇيغۇرلار بولمىغان بەزى جايلار بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالمىغان. «شىنجاڭ شاھىتلار ئامبىرى» دا بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ تىزىملىكنى قەشقەر «كونا شەھەر ھۆججەتلىرى» گە سېلىشتۇرغاندا ئۇنىڭ تارىخى بىر قەدەر ئىلگىرى بولۇپ، بۇ، 2015-يىلى 10-ئاۋغۇست كۈنىگىچە تۇتۇلغانلارغا ئائىتتۇر، شۇڭا بۇ تىزىملىك 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا قولغا ئېلىنغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، دەپ قارالماقتىكەن.

مەلۇماتتا يەنە مەھبۇسلار تىزىملىكىدىكى 18 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ 70 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنىڭ 2014-يىلى 23-ماي كۈنى ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشى» باشلىنىشىدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنىپ كېسىلگەنلىكى، قالغان 26 پىرسەنتتىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۇنىڭدىن بۇرۇن، شۇنداقلا 2009-يىلى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنىپ كېسىلگەنلەر ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. لېكىن «شىنجاڭ شاھىتلار ئامبىرى» بۇ تىزىملىكنىڭ شۇ مەزگىلدىكى مەھبۇسلارنىڭ كۆرۈنەرلىك سالمىقىنى تەشكىل قىلسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ تولۇق ئەھۋالنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقى، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتلىرىدا 2014-يىلى 20 مىڭ ئارتۇق تۇتقۇننىڭ جازالانغانلىقىنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.