ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ئارىسىدا تونۇلغان شائىرە خەيرىنىسا تۇردى ۋاپات بولدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.11.27


ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە تونۇلغان ئۇيغۇر شائىرەلىرىدىن بىرى، ژۇرنالىست خەيرىنىسا تۇردى يەكشەنبە كۈنى قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە 72 يېشىدا ۋاپات بولۇپ، قايغۇلۇق مۇراسىم بىلەن دەپنە قىلىنغان.

خەيرىنىسا تۇردى 1944-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ چۆچەك شەھىرىدە تۇغۇلغان ۋە 1961-يىلى ئۈرۈمچىدە يۇقىرى ئوقۇش ئورنىنى تاماملاپ، 1962-يىلىدىكى، ئۇيغۇر،قازاق ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كېتىش ھەرىكىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىپ، بىشكەك شەھىرىگە يەرلەشكەن.

خەيرىنسا تۇردى 1970-يىللاردىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشىپ، ئىلگىرى-كېيىن ئالماتادا چىقىدىغان «كوممۇنىزم تۇغى»، يەنى كېيىنكى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى، «پەرۋاز»، «ئارزۇ» ژۇرناللىرىدا ۋە 1990-يىللاردىن كېيىنكى باشقا ئۇيغۇر ۋە قىرغىز مەتبۇئاتلىرىدا كۆپلىگەن شېئىرلارنى ئېلان قىلغان.

ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى سانى ناھايىتى ئاز ئۇيغۇر ئايال شائىرەلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان خەيرىنسا تۇردى قىرغىزىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى بولغان ھەمدە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ۋە قىرغىز تىللىرىدا «ئۈمىدىم مېنىڭ ئاتا يۇرت»، «جان سىرىم» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان.

خەيرىنىسا تۇردى تالانتلىق ژۇرنالىست بولۇپ، ئۇ ئۇزۇن يىللار قىرغىزىستان رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى رادىئو ئاڭلىتىشىنى باشقۇرغان ۋە ئۆزى مۇخبىر ھەم دىكتور بولۇپ ئىشلەپ، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەقدىرلەنگەن ئىدى.

تونۇلغان ئاياللار پائالىيەتچىسى، بىر مەزگىل «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن خەيرىنىسا تۇردى يەنە ئامېرىكا ۋە باشقا بىر قىسىم ئەللەردە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىنىڭ يىغىنلىرىغىمۇ ئىشتىراك قىلغان ئىدى.

خەيرىنسا تۇردىنىڭ دادىسى ئىسمائىل داموللا چۆچەكتە ئۆتكەن مەشھۇر ئالىملارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ 1946-1949-يىللىرى ئارىسىدا 11-ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىمى ماخمۇت قەشقەرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى»نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار مەۋجۇت.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.