نۆۋەتتە تاجىكىستاندا ئېچىلىۋاتقان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا «ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» تۈزۈش تەكلىپى بېرىلگەن.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 14 - نۆۋەتلىك ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى 12 - سېنتەبىر تاجىكىستاننىڭ دۈشەنبە شەھىرىدە باشلانغان ئىدى.
تەيۋەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۇقىرىقى تەكلىپنى مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ يىغىندا ئوتتۇراغا قويغان 4 تۈرلۈك تەكلىپنىڭ بىرىنچىسى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بولغان.
ئۇ سۆزىدە ئاساسلىق قىلىپ، مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش مەركىزىي بولۇشى كېرەكلىكىنى ھەمدە «ئۇچ خىل كۈچلەر» گە ھەمكارلىشىپ زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك يىغىنى ئۇكرائىنادىكى ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبلىك ياۋرو - ئاسىيا ۋەزىيىتى جىددىيلەشكەن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قارشىلىق كۈچلىرىگە زەربە بېرىش نامىدا ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان ئاتالمىش تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش ھەرىكىتى ھەسسىلەپ كۈچەيگەن مەزگىلگە توغرا كەلدى.
ئىلگىرى بەزى مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن ئۇيغۇر مۇستەقىلچى كۈچلىرىگە زەربە بېرىش مۇنبىرى سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.