شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلارنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەزكۇر ئىككى تەشكىلات ئىقتىسادىي شېرىكلىك كېلىشىمى ئىمزالاشقا تەييارلانماقتا.
بۇ ھەقتە رۇسىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئالېكسېي لىخاچېۋ ئۆتكەن ھەپتە موسكۋادا ئېچىلغان رۇسىيە - خىتاي قۇرۇلۇش مۇھاكىمە مۇنبىرىدە توختالغان.
رۇسىيەنىڭ تاسس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر كېلىشىم تەركىبىدە توۋار مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەركىن يۈرۈشتۈرۈلۈشى، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشتىكى ماسلىشىش، كاپىتال ۋە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئەركىن بولۇشى ۋە باشقىلار بولىدىكەن.
لىخاچېۋ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا رۇسىيە ۋە خىتاي ھەم مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى كىرىدىغانلىقى، ئەمما، بۇنىڭغا يەنە بېلارۇسىيە، ئەرمىنىيە، قاتارلىق ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادى ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرىنىڭمۇ جەلپ قىلىنىۋاتقانلىقى، يەنە بىر تەرەپتىن ھىندىستان ۋە پاكىستاننىڭمۇ كەلگۈسىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىش ئىمكانىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەمەلىيەتتە دۇنيا نوپۇسىنڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر زور كېلىشىمىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رۇسىيەنىڭ «ئۇترو.رۇ»تورىنىڭ يېزىشىچە، 17 - مارت كۈنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد مىنىستىرلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر ئىقتىسادىي كېلىشىمىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن. مەزكۇر كېلىشىمنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش بۇ يىل 22 - ئۆكتەبىر كۈنى تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنىدا قارار قىلىنىدىكەن.
