بىزگە كەلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، شاڭخەيدە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار 3 - ماي نامايىش قىلىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ تۇرمۇش يولىنى توسىدىغان قارارلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
بەزى ئۇچۇرلاردا شاڭخەي شەھىرىنىڭ مەزكۇر شەھەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى شاڭخەيدىن قايتىشقا بۇيرۇغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئەمما، ھازىرغىچە ئىگىلەنگەن بىر قىسىم مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شەھەر مۇھىتىنى ئاسراش ئىدارىسى بۇيرۇق چىقىرىپ، شەھەردىكى مەسچىت ئالدىدا يايمىچىلىق قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنى ياما ئاچماسلىققا بۇيرۇغان. ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا قارشى چىقىپ نامايىش قىلغان.
نامايىشچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار بولۇپ، 20 ئەتراپىدا ئىكەن. ئۇلار «بىزمۇ جۇڭگو پۇقراسى»، «شى جىنپىڭ پۇقرالارغا كۆڭۈل بۆلمەمدۇ» دېگەنگە ئوخشاش پلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئالدىدا نامايىش قىلغان.
نامايىش نەق مەيداندىن تارتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بەزى سۈرەتلەرگە قارىغاندا خىتاي ساقچىلىرى نامايىشچىلارنىڭ ئەتراپىنى قورشىغان، ئەمما نامايىشقا توسقۇنلۇق قىلمىغان.
ئەمما، نامايىشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى ۋە نامايىشنىڭ قانداق نەتىجىلەنگەنلىكى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. بىز بۇ ھەقتە داۋاملىق مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمىز.
