تاشكەنت دائىرىلىرى شاڭخەي ھەمكارلىقى يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن بىخەتەرلىكنى كۈچەيتتى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.06.05

23-24-ئىيۇن كۈنلىرى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن تاشكەنت دائىرىلىرى ھازىردىن باشلاپ، شەھەردە بىخەتەرلىكنى جىددىي كۈچەيتىشكە كىرىشكەن.

ئازادلىق رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاشكەنت ساقچى دائىرىلىرى پۇقرالارنىڭ ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، كەچ سائەت 9 دىن كېيىن يېنىغا كىملىك پاسپورتى سالمىغان پۇقرالار بايقالسا 60 دوللار جەرىمانە ئېلىنىدىكەن شۇنىڭدەك تاشكەنتتە تۇرۇش رۇخسىتى ئالمىغان ۋە ياكى تۇرۇش مۆھلىتى ئۆتۈپ كەتكەنلەر كوچىغا چىقىشقا جۈرئەت قىلالمايدىكەن.

مۇنداق كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرى تۈپەيلىدىن كىشىلەر كىملىكسىز كوچىغا چىقىشتىن ئېھتىيات قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.

رۇسىيە خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنى تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلۈش قارار قىلىنغاندىن كېيىن ئۆزبېكىستان تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ يىغىننى ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيىدە ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىكەن.

مۇتەخخەسۇسلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، بەلكى بۇ قېتىمقى يىغىندا ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىش مەسىلىسىدىن يەكۈن چىقىشى مۇمكىن ئىكەن. چۈنكى، بۇ ئىككى دۆلەت مەزكۇر تەشكىلاتقا كىرىشكە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.