شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنى قوشما ئاخبارات ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.06.17

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنى قوشما ئاخبارات ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، مەزكۇر رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر تەكىتلەنگەن.

قوشما ئاخباراتتا، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇقنىڭ ھەر خىل شەكىل ۋە ئالامەتلىرىنى بىردەك تەنقىدلەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ب د ت نى مەركەز قىلىش، خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئالغا سۈرۈش، دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىغا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. 

مەزكۇر يىغىن خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك دىجىتال تەقىبلەشنى يولغا قويۇۋاتقان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن. خىتاينىڭ قىلمىشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن مۇسۇلمان دۆلەتلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۇمھۇرىيەتلەر بۇنىڭغا ئىزچىل سۈكۈت قىلىپ كەلگەن ياكى خىتاينى قوللاپ كەلگەنىدى. 

14‏-ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى سورونباي جېئېنبېكوف قاتارلىقلار، شۇنىڭدەك ھىندىستان، پاكىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان قاتارلىق ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى ۋە ئىران پرېزىدېنتى روھانىي قاتناشقان. يىغىننىڭ ھارپىسىدا رۇسىيە پرېزىدېنتىنىڭ ياردەمچىسى يۇرى ئۇشاكوف يىغىندا نۇقتىلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى، ئىقتىسادى تەرەققىيات، سانائەت ۋە ئىجتىمائىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. 

بۇ قېتىمقى يىغىن ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى ئىنتايىن كەسكىنلەشكەن بىر مەزگىلدە چاقىرىلدى. ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، سودا ئۇرۇشى خىتاي ئىقتىسادىدا قاتتىق تەسىر قىلىپ، ئۇنىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانى مەبلەغ يېتىشمەسلىكتەك جىددىي رىقابەتكە دۇچ كەلگەن. ئانالىزچىلار. بۇ ئەھۋال بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا شى جىنپىڭنى پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ، باشقا دۆلەتلەرنى ئاكتىپ ئورۇنغا چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.