شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەشۋىقات ۋاسىتىسىگە ئايلىنىپ قالماقتا
2024.02.08
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى ئاقلاشقا مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنى داۋام قىلماقتا.
يېقىندا خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى سوخەئىل خان (Sohail Khan) زىيارەت قىلىنغان بىر پارچە ۋىدىيولۇق خەۋەر تارقالغان. مەزكۇر ۋىدىيودا خىتاي رىياسەتچى سوخەئىل خاندىن «سىز شىنجاڭدا زىيارەتتە بولدىڭىز، بىر قىسىم غەرب ئاخباراتلىرى ‹خىتاي شىنجاڭدا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى قىلىۋاتىدۇ› دەپ يالغان ئېيتىۋاتىدۇ. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟» دەپ سوئال سورىغان.
سوخەئىل خان بۇنىڭغا جاۋابەن قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ ئۇنداق دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇ يەردە نۇرغۇن ئۇيغۇر رەھبەرلەر بىلەن تونۇشقانلىقى، بۇ رەھبەرلەرنىڭ «ھۆكۈمەت بېكىتكەن ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن سايلىنىپ چىقىلغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ رايوندىكى ھەممە مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەتلىرى نامايان قىلىنىدىغان تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغانلىقىنى ئېيتىپ: «بۇ مەدەنىيەت كۆرەكلىرى خىتايدىكى 56 مىللەتنىڭ ھەممىسىنىڭ مەدەنىيەت، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە باراۋەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مەن ھېچ يەردە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى كۆرمىدىم» دېگەن.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەسلىدە ئۇيغۇر رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان بولسىمۇ، بىراق يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەشكىلاتنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەھشىيلىكلىرىنى ئاقلايدىغان تەشۋىقات سورۇنلىرىغا سۆرەپ كىرىۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى نويابىردا «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2023-يىللىق ساياھەت يىلى مۇنبىرى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى «شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە زالى» دا ئۆتكۈزۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق، جۈملىدىن «شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى» نى ئوتتۇرا ئاسىياغا ۋە خەلقئاراغا يۈزلەندۈرۈشنىڭ بارغانچە چوڭقۇرلىشىۋاتقانلىقىنى، «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن سىياسىي تەشۋىقاتنى پۈتۈن دۇنياغا تونۇتۇشقا شارائىت ھازىرلىنىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلغان ئىدى.