ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا شېنجېن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قارىمىقىدىكى دوڭمىن ساقچىخانىسى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلاش جەدۋىلى» چىقارغاندىن كېيىن، مەزكۇر جەدۋەل تېزدىن سىرتقا تارقىلىپ كەتكەن.
مەزكۇر ساچىخانىغا تەۋە جايلاردىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەدۋەلنى تولدۇرۇشى بەلگىلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭدا شەخسىي ئۇچۇر، نىكاھ - ئائىلە ئۇچۇرى، بىرگە سەپەر قىلغۇچىنىڭ ئۇچۇرى ۋە خىزمەت ئۇچۇرى قاتارلىق كۆپ نۇقتىلار ئورۇن ئالغان
ئامېرىكا ئاۋازى مۇخبىرى شېنجېن شەرھى دوڭمىن ساقچىخانىسىدىن مەزكۇر جەدۋەلگە ئائىت ئەھۋاللارنى سورىغاندا، ساقچى خادىم بۇنى ئېتىراپ قىلىپ، مەزكۇر جەدۋەلنىڭ ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلارغا ئائىت چىقىرىلغانلىقى، شۇنداقلا بۇنىڭ يەرلىك ساقچىخانىنىڭ ئۆزىنىڭ بەلگىلىمىسى بولماستىن بەلكى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بەلگىلىمە ئىكەنلىكى بىلدۈرگەن.
شېنجېن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرىنى توپلاش جەدۋىلىنى چىقىرىشىغا قارىتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئىنكاس قايتۇرۇپ،بۇنىڭ دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەمسىتىش تەشۋىقاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇيغۇرلارغا مېھمانخانىلاردىن ياتاق بەرمەسلىك، ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك بەلگىلىمىلەر خىتاينىڭ باشقا ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرىمۇ ئىنكاس قىلىنغان ئىدى
