ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆپكە تونۇلغان تەزكىرەشۇناس، جامائەت ئەربابى شېرىپ نىياز خۇشتار ئەپەندى 23-ئاۋغۇست كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە 100 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
شېرىپ خۇشتار ئەپەندى 1922-يىلى قەشقەر شەھىرىدە بىر تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1942-يىلى شۇ ۋاقىتتىكى «شىنجاڭ ئىنىستىۇتى» دا ئوقۇغان. كېيىنچە شېڭ شىسەينىڭ تۈرمىسىگە تاشلىنىپ بۇ جايدا شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىر قىسىم سەرخىللىرى بىلەن تونۇشقان. كېيىنچە تۈرمىدىن چىقىپ «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى» نىڭ ھەربىي قىسىملىرىدا ئالاقىچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1949-يىلىدىن كېيىن سابىق ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بانكا ۋە ئاپتونوم رايونلۇق كىنو-فىلىم شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلاردا تۈرلۈك خىزمەتلەردە بولغان.
مەرھۇم شېرىپ خۇشتار ئەپەندى ئۆزىنىڭ خىزمەت، ساياھەت ۋە قاچقۇنلۇق ھاياتىدا ئۇيغۇر تارىخى ۋە تەزكىرىسىگە دائىر كۆپلىگەن تارىخىي ماتېرىياللار، سۈرەتلەر ۋە تارىخىي بۇيۇملارنى يىغىپ ساقلىغان. بۇ ھۆججەتلەر ۋە سۈرەتلەردىكى مەزمۇنلارنىڭ بىر قىسمى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىدە ئەبەدىيلىككە يوقىتىۋېتىلگەنلىكتىن ئۇلارنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقى تېخىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان. ئەنە شۇ خىل رېئاللىقنى ئويلاشقان شېرىپ خۇشتار ئەپەندى 1980-يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقايسى يۇرتلارنىڭ مەشھۇر شەخسلىرى، تەزكىرىلىرى ۋە زور ۋەقەلىرى ھەققىدە 300 پارچىغا يېقىن ئاممىباب ماقالە يېزىپ ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدۇرغان ھەمدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تەزكىرەشۇناسلىق ئىلمىنىڭ شەكىللىنىشىگە زور تۆھپە قوشقان.
شېرىپ خۇشتار ئەپەندى 2000-يىلى نەشر قىلدۇرغان «شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر» ناملىق ئىككى توملۇق ئەسەردە ئۇيغۇر تارىخىنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن ئىجابىي ۋە سەلبىي خاراكتېردىكى نەچچە يۈز شەخسنىڭ تەرجىمىھالى، سۈرىتى ۋە بۇ ھەقتىكى قىسمەن نازۇك مەسىلىلەرنى بايان قىلىپ بەرگەن. بۇ ئەسەردىكى تەپسىلاتلارنىڭ بىر قىسمى ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىنىڭ ئۇنتۇپ كېتىلگەن قاراڭغۇ سەھىپىلىرىنى يورۇتۇپ بېرىشتە يېگانە مەنبەلىك رولىنى ئويناش بىلەن ئۆزگىچە قىممەتكە ئىگە بولۇپ كەلمەكتە ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، شېرىپ خۇشتار ئەپەندىنىڭ ئاشۇ خىل «تىرىك قامۇس» بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر قىسىم چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرمۇ ئۇنىڭ توپلىغان ئۇچۇر بايلىقىدىن تېگىشلىك دەرىجىدە مەنپەئەتدار بولغانىكەن. 2012-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى مەرھۇمنىڭ 90 ياشقا كىرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا تون كىيدۈرگەنىكەن.
