شاۋكەت ئىمىن ئاتالمىش «ھەقسىز كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى» نىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە گەپ ساتتى
2018.10.31
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۈگۈنكى، يەنى 31-ئۆكتەبىردىكى سانىدا «سوتسىيالىستىك قانۇن-تۈزۈم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىدە قەتئىي ئۇتۇپ چىقايلى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى. مەزكۇر ماقالە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىننىڭ نامىدا ئېلان قىلىنغان.
ماقالىدە خىتاي تەشۋىقاتلىرىدىكى ئىلگىرىكى چاقىرىقلار تەكرارلىنىش بىلەن بىرلىكتە ئالدىنقى ھەپتىلەردە خۇددى قورچاق رەئىسى شۆھرەت زاكىر تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك شاۋكەت ئىمىنمۇ نۆۋەتتە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر سولىنىپ ياتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى «ھەقسىز كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى» دەپ تەسۋىرلىگەن. ئۇ بۇ مەكتەپلەردىكى تەربىيەلەشنىڭ قانۇن بويىچە ئوقۇتۇش، ئىنسانى كۆيۈنۈش، ئۆرپ-ئادەتلەرنى قوغداش ۋە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئەمما رادىيومىز يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىن تېلېفون ئارقىلىق ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىدا بۇ ئاتالمىش مەكتەپلەرگە تۇتقۇنلارنىڭ بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ ئېلىپ كېلىنىدىغانلىقى، ياتاقتىن دەرسخانىغا قوراللىق قاراۋۇللارنىڭ نازارىتىدە ئېلىپ چىقىلىدىغانلىقى، تۇتقۇنلارنىڭ 24 سائەتنىڭ ھېچيىرىدە بىر-بىرى بىلەن گەپلىشىشكە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى.
شاۋكەت ئىمىن بۈگۈنكى بۇ ماقالىسىدە بۇ مەكتەپلەر ئېچىلغاندىن بۇيان كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ دۆلەت تىلىدا سۆزلىشەلەيدىغان، ئوقۇيالايدىغان ۋە يازالايدىغان بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ كەسپ-ھۈنەرلىك بولۇپ قالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئەمما ماقالىدە «تەربىيەلىنىپ بولغان» بۇ كىشىلەرنىڭ تا ھازىرغىچە نېمە ئۈچۈن بىرەرىنىڭمۇ قويۇپ بېرىلمەيۋاتقانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئىزاھات بېرىلمىگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت تۈنۈگۈن «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىدا قىلغان سۆزىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ماھىيىتىنى دۇنيادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن ساختا تەشۋىقاتچىلىقتا ۋاسىتە تاللىمايۋاتقانلىقىنى، ھەتتا ئۇنىڭ ئىچىدە ئازاب چېكىۋاتقان كىشىلەرنىمۇ ئېكرانغا چىقىپ يالغان سۆزلەشكە، يەنى خىتاي دۆلىتىنى ماختاشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.