شەۋكەت مىرزايېفنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ھەر بىر ھەرىكىتى ئوتتۇرا ئاسىيا تاراتقۇلىرىنىڭ دىققەت نۇقتىسىدا تۇرماقتا

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.12.12

دىكتاتور ئىسلام كەرىموفنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن سابىق باش مىنىستىر شەۋكەت مىرزايېفنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشى ئۆزبېكىستاننىڭ كېلەچىكىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەر ساھە كىشىلىرىنى جىددىي ئويلاندۇرماقتىكەن.

ئازادلىق رادىيوسىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، كۆزەتكۈچىلەر شەۋكەت مىرزايېف تەختكە چىققاندىن بۇيان كەرىموف دەۋرىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەرنىڭ سىگنالىنى بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئىگىلىنىشىچە، گەرچە مىرزايېفنىڭ كەرىموفقا بولغان ساداقىتىدە ھازىرچە ھېچقانداق تەۋرىنىش كۆرۈلمىگەندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆزبېكىستاننى ئىدارە قىلىۋاتقان بىرقانچە ئاي جەريانىدا دۆلەتنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىدە مەلۇم ئۆزگىرىشلەرنىڭ بېشارىتىنى بەرمەكتىكەن.

پەرغانە ئۇچۇر تورى بىلەن ئازادلىق رادىيوسىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شەۋكەت مىرزايېف تەختكە چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا كەرىموف دەۋرىدە چەتكە قېقىلغان بىر قىسىم كىشىلەرنى مۇھىم ۋەزىپىلەرگە تەيىنلىگەن. مەسىلەن، 2012-يىلى كەرىموف تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئۆزبېكىستاننىڭ سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئابدۇللا ئارىپوف يېقىندا شەۋكەت مىرزايېف تەرىپىدىن باش مىنىستىرلىققا تاللانغان.

كۆزەتكۈچىلەر، شەۋكەت مىرزايېفنىڭ تاشقى سىياسەت جەھەتتىمۇ بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەرنى ياساۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلماقتا.

مىرزايېفنىڭ يېقىندا ئۆزبېكىستان بىلەن 27 دۆلەت ئارىسىدا ۋىزىسىز كىرىپ-چىقىش كېلىشىمىنى تەستىقلىشى، كەرىموف دەۋرىدە ئىزچىل ھالدا مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەن تۈركىيە بىلەن يارىشىشى شۇنداقلا ئۇنىڭ خىتاي، رۇسىيە قاتارلىق قوشنىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قايتا تەڭشىمەكچى بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئەمما بىر قىسىم ئانالىزچىلار، كەرىموف چەمبىرىكىدىن كېلىپ چىققان مىرزايېفنىڭ ئۆزبېكىستاندا يېقىن كەلگۈسىدە زور ئۆزگىرىشلەرنى مەيدانغا كەلتۈرەلىشىگە گۇمان بىلەن قارىماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.