شى جىنپىڭنىڭ ئەنگلىيە زىيارىتى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىدى
2015.10.20
ئەنگلىيەنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى قىزغىن كۈتۈۋېلىشى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچار بولدى. زىيارەتنىڭ تۇنجى كۈنى ئەنگلىيەدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئەنگلىيە شۆبىسى ئېلان قىلغان باياناتىدا، شى جىنپىڭ تەختكە ئولتۇرغاندىن بۇيان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ئىلگىرىلەپ ناچارلاشقانلىقىنى، ليۇ شاۋبو ۋە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا ئوخشاش نۇرغۇن تىنچلىقپەرۋەر زاتلارنىڭ تۈرمىگە ئېلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئەنگلىيەنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتتى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن يەنە، ئەنگلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق نامايىشلىرىدىمۇ ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە فالۇنگۇڭ ھەرىكىتى قوللىغۇچىلىرى شوئار توۋلاپ ئەنگلىيەنى كىشىلىك ھوقۇقنى تىجارەتكە قۇربان قىلىۋەتمەسلىككە چاقىرغان. ساقچىلار ئەتراپتا كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغان.









