خىتايدىكى بىر تور بەتتە شى جىنپىڭ ئىستىپاغا چاقىرىلغان بىر ئوچۇق خەت ئېلان قىلىنىپ كېيىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن
2016.03.17
ۋاشىنگتون پوچتىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىكى «ۋۇجيې خەۋەرلەر تورى» دا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى ئىستىپاغا چاقىرىدىغان ئوچۇق خەت ئېلان قىلىنغان.
ئوچۇق خەتتە شى جىنپىڭ «دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن» ئىستېپا بېرىشكە چاقىرىلغان بولۇپ، ئوچۇق خەت 4-مارت كۈنى ئېلان قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.
ۋاشىنگتون پوچتىسى ئۆز خەۋىرىدە، «ۋۇجيې» ناملىق بۇ خەۋەر تورىنىڭ خىتايدىكى سەەچ مېدىيە گۇرۇھى، ئالىبابا شىركىتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە ئورتاق قاراشلىق بولغان بىر تور بەت ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. ئىسىمسىز يېزىلغان ئوچۇق خەتكە پەقەت «سادىق كومپارتىيە ئەزالىرى» دەپ ئىمزا قويۇلغان. ئۇلار خېتىدە شى جىنپىڭنىڭ پارتىيىنىڭ كوللېكتىپ رەھبەرلىك پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھوقۇقنى ئۆز چاڭگىلىغا مەركەزلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ «ئاخبارات خەلق ئۈچۈن ئەمەس، پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك» دېگەن سۆزىنىڭ خەلقنى قورقۇتقانلىقىنى بايان قىلغان.
شى جىنپىڭ بۇندىن ئىككى ھەپتە ئاۋۋال مەركىزى خەلق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى زىيارەت قىلغاندا ئاخبارات ئورگانلىرىنى «پارتىيىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، پارتىيىنىڭ ھاكىمىيىتى ۋە بىرلىكىنى قوغداشقا، پارتىيىنى سۆيۈپ، پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» قا چاقىرغان. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى خىتايدىكى مۇنازىرە تور بەتلىرىدە كەڭ ئىنكاس قوزغىغان ئىدى.
ئوچۇق خەتتە يەنە، شى جىنپىڭنىڭ ئاخباراتقا قويغان چەكلىمىىسى مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىگە ئوخشىتىلغان ۋە شۇنداقلا شى جىنپىڭنىڭ ئۆكتىچى ئاۋازلارنى باستۇرۇشى سەۋەبىدىن خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىنى يوقاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئوچۇق خەت ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆچۈرۈۋېتىلگەن ئىكەن.









