شى جىنپىڭنى ئىستېپاغا چاقىرىپ ماقالە يازغان خىتاي ژۇرنالىست ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن
2016.03.18
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە چاقىرىپ ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان خىتاي ژۇرنالىست جيا جيا 15-مارت ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان ۋە يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇ، پەيشەنبە كۈنى خوڭكوڭدا ئۇنىۋېرسىتېتىدا لېكسىيە سۆزلەشكە كېتىۋېتىپ، يولدا غايىب بولغان.
ئۇنىڭ ئايالى خوڭكوڭدا «ئالما گېزىتى» گە بەرگەن ئۇچۇرىدا، جيا جيانىڭ بېيجىڭ خەلقئارا ئايرودرومىدا يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
جيا جيا ئىلگىرى خوڭكوڭدا «ئالما گېزىتى» نىڭ تورىدا، «سادىق كومپارتىيە ئەزالىرى» نىڭ ئوچۇق خېتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى ھوقۇقنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ، پارتىيەنىڭ كوللېكتىپ رەھبەرلىك پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
مەزكۇر ئوچۇق خەت دەرھال ئۈرۈمچىدىكى «ۋۇجيې» ناملىق بىر ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلىنىپ، زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. گەرچە مەزكۇر تور بېكىتى ئوچۇق خەتنى تور بۇزارلارنىڭ قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دەرھال ئېلىپ تاشلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ، ھەر خىل گۇمانلارنى قوزغىغان.
بەزى كۆزەتكۈچىلەر، بۇ تور بەتنىڭ باشلىقى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ يېقىن ئادىمى ئىكەنلىكىنى، ئوچۇق خەتنىڭ تورغا غەرەزلىك قويۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مەركىزى نيۇ-يورك شەھىرىدىكى ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى جيا جيانىڭ دوستلىرىنىڭ سۆزنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ يوقاپ كېتىشى 4-مارت ئېلان قىلىنغان ئوچۇق خەت بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى جيا جيانىڭ ئاقىۋىتى ۋە قانۇنىي ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشكە چاقىردى.









