خىتاي بىرلىكسەپ ئەمەلدارى:«رەئىس شى جىنپىڭ دالاي لامانىڭ ئوتتۇرا يول سىياسىتىنى قوبۇل قىلمايدۇ»
خىتاي بىرلىكسەپ ئەمەلدارى ياۋ ماۋچېن «جۇڭگو شىزاڭ تورى» دا ماقالە ئېلان قىلىپ، «شىزاڭ مەسىلىسىدە رەئىس شى جىنپىڭ دالاي لامانىڭ ئوتتۇرا يول سىياسىتىنى قوبۇل قىلمايدۇ» دېگەن.
-
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016-03-22 -
-
-
خىتاي بىرلىكسەپ ئەمەلدارى ياۋ ماۋچېن «جۇڭگو شىزاڭ تورى» دا ماقالە ئېلان قىلىپ، «شىزاڭ مەسىلىسىدە رەئىس شى جىنپىڭ دالاي لامانىڭ ئوتتۇرا يول سىياسىتىنى قوبۇل قىلمايدۇ» دېگەن.
خوڭكوڭدا چىقىدىغان «شىنداۋ گېزىتى» نىڭ 22-مارتتىكى خەۋىرىدە ياۋ ماۋچېننىڭ ماقالىسىدىكى «بۇلتۇر 9-ئايدا شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ 6-قېتىملىق شىزاڭ سۆھبەت يىغىنىدا ‹ئوتتۇرا يول› تەشەببۇسىدىن ئىبارەت بۇ خىل بۆلگۈنچىلىك تەشەببۇسىنى مەركەز ئىلگىرى قوبۇل قىلمىغان، ھازىر قوبۇل قىلمايدۇ، كەلگۈسىدىمۇ قوبۇل قىلمايدۇ دەپ كۆرسەتكەن» دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلىۋاتقان بولۇپ، ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى خىتاي بىرلىكسەپ ئەمەلدارى ياڭ ماۋچېننىڭ ماقالىسىنىڭ بۇ مەزگىلدە ئېلان قىلىنىشى خىتاينىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى قارىشىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.