شى جىنپىڭنى ئىستېپاغا چاقىرىپ ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان «ۋۇجىيې خەۋەرلەر تورى» نىڭ تاقالغانلىقى مەلۇم
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى ئىستېپا بېرىشكە چاقىرىدىغان ئوچۇق خەت ئېلان قىلىنغان «ۋۇجىيې خەۋەرلەر تور بېتى» نىڭ تاقالغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.
-
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016-03-23 -
-
-
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى ئىستېپا بېرىشكە چاقىرىدىغان ئوچۇق خەت ئېلان قىلىنغان «ۋۇجىيې خەۋەرلەر تور بېتى» نىڭ تاقالغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا. مەزكۇر تور بەتنىڭ بىر نەپەر خىزمەتچىسىنىڭ ئىستانسىمىزغا ئاشكارىلىشىچە، تور بەت 23-مارت چارشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن تاقالغان. تور بەتنىڭ يۈزدىن ئوشۇق مۇخبىر ۋە تەھرىرى ئىشسىز قالغان.
خىتايدىكى ئالىبابا شىركىتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بۇ خەۋەر تور بېتىدە 4-مارت كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىستېپاغا چاقىرىلغان بىر ئوچۇق خەت ئېلان قىلىنغان ئىدى.
خەتتە شى جىنپىڭ پارتىيىنىڭ كوللېكتىپ رەھبەرلىك پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھوقۇقنى ئۆز چاڭگىلىغا مەركەزلەشتۈرۈش، ئاخباراتنى پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا مەجبۇرلاش بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئەمما «سادىق كومپارتىيە ئەزالىرى» دېگەن ئىمزا بىلەن ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ئوچۇق خەت ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆچۈرۈۋېتىلگەن ۋە تور بەتنىڭ خاككىرلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
خىتايدىكى خۇاڭ فامىلىلىك بىر ئاخبارات خادىمىمۇ ئىستانسىمىزغا بۇ تور بەتنىڭ تاقالغانلىقىنى، ھازىر بۇ تور بەتنىڭ باش تەھرىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 خادىمى بىلەن ئالاقە قىلىشنىڭمۇ مۇمكىن بولمايۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
بىراق، تور بەتنىڭ تور بۇزارلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن تۇرۇقلۇق يەنە نېمىشقا تاقىلىشتىن قۇتۇلالمىغانلىقى توغرىلىق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تېخى بىر ئىزاھات بەرمىگەن.
تېخى يېقىندا بېيجىڭدىن خوڭكوڭغا كېتىۋاتقاندا يوقاپ كەتكەن مۇخبىر جيا جيانىڭ ئەسلىدە بېيجىڭ ئايرودرومىدا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، چۈنكى ئۇنىڭ شى جىنپىڭغا يېزىلغان ئوچۇق خەتكە چېتىشلىقى بار بولۇشى مۇمكىنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.