شى جىنپىڭنىڭ ئەمەلدارلار ئائىلىسىنىڭ سودىغا ئارىلىشىنى تىلغا ئېلىشى دىققەت قوزغىدى
2016.04.19
19-ئاپىرىلدىكى خەلقئارا خەۋەرلەردە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئەمەلدارلارنىڭ جورىلىرى، بالا-چاقىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سودىغا ئارىلىشىنى تىلغا ئېلىشى دىققەت قوزغىغانلىقى توغرىلىق خەۋەر بېرىلىپ، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ مال-مۈلك ئەھۋالى ئاشكارىلانغان «پاناما ھۆججەتلىرى» ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ئالىي رەھبىرى بولغان شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى قېتىم خىتايدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك سەزگۈر تېما ھەققىدە توختالغانلىقى تىلغا ئېلىندى.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ 18-ئاپرېل بېيجىڭدا ئېچىلغان مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلاھات رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 23-قېتىملىق يىغىنىدا بۇ ھەقتە توختالغان. شى جىنپىڭ سۆزىدە «شاڭخەي شەھىرىنى نۇقتا قىلىپ تۇرۇپ، بېيجىڭ، گۇاڭدۇڭ، چۇڭچىڭ، شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ سودىغا ئارىلىشىنى تەرتىپكە سېلىشنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش» نى تەكىتلىگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئەنگلىيە سودا گۇرۇھىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى دوكتور ۋۇ كېگاڭنىڭ «رەھبەرلەرنىڭ جورىلىرى ۋە بالىلىرىنىڭ سودا ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى ئەسلىدىنلا توغرا بولمىغان ئىستىل، چۈنكى ئەمەلدارلار ئارىسىدىكى پارىخورلۇق قىلمىشلىرىنى تۈزەشتە بۇ تەدبىر خاتالىقنى تۈزەش رولىنى ئوينايدۇ. خىتاي تەمسىللىرىدە بۇ ‹كۆۋرۈك تۈۋرىكىنى تۈزلەش› دېيىلىدۇ» دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان.
رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە يەنە «خىتاي ئەمەلدارلىرى كۆپىنچە ئەھۋاللاردا، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ توغرا بولمىغان ئىش-پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن تەنقىدلىنىپ كەلمەكتە»، يېقىندا «پاناما ھۆججەتلىرى»دە خىتاي رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ قاتارلىق خىتايدا چوڭ ھوقۇق تۇتقان ئەمەلدارلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ شىركەتلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىشى ئاساسسىز ئەمەس» دېگەن بايانلار بېرىلدى.









