شى جىنپىڭ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نىڭ 50 يىللىق خاتىرىسىدە زىيالىيلار قاتلىمىنى ماركسىزمغا ۋە كومپارتىيەگە سادىق بولۇشقا چاقىرغان
2016.05.18
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك بىلىم ئادەملىرى سۆھبەت يىغىنىدا زىيالىيلارنىڭ ئىدىيە جەھەتتە ماركسىزملىق پرىنسىپقا ۋە كومپارتىيەگە سادىق بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.
شى جىنپىڭنىڭ بۇ چاقىرىقى ئاۋام ئارىسىدا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نىڭ 50 يىللىقى خاتىرىلىنىۋاتقان، ئەمما خىتاي كومپارتىيەسى بۇ تارىخىي تراگېدىيەگە سۈكۈت قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىققان.
شى جىنپىڭ خىتايدىكى 150 كە يېقىن ئالىي دەرىجىلىك بىلىم ئادەملىرىگە مۇنداق دېگەن: «ماركسىزم مەڭگۈ ۋاقتى ئۆتمەيدىغان ھەقىقەت. ئۇ، ھەقىقەتكە ئېچىلغان بىر داغدام يول!»
ئۇ يەنە مەزكۇر سۆھبەت يىغىنىدا سوتسىيالىزم نەزەرىيەچىلىرىنىڭ «جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك» كە پەۋقۇلئاددە ئەھمىيەت بېرىشى لازىملىقىنى، زىيالىيلار ۋە ھەر ساھەدىكى بىلىم ئادەملىرىنىڭ كومپارتىيە ھاكىمىيىتى ئۈچۈن بايرىقى روشەن قوللىغۇچىلاردىن بولۇشىنى تەكىتلىگەن.
خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيلىرىدىن سابىق «مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ژۇرنىلى» نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى دېڭ يۈۋېن تىۋېتتېر ئارقىلىق پىكىر بايان قىلىپ، «ھازىر جۇڭگودىكى لىبېرال پىكىر ئېقىمىغا مايىل بىلىم ئادەملىرى بىلەن مەلۇم چاقىرىق كۈچىگە ئىگە ئالىملار كومپارتىيە ئەتراپىغا ئولىشىۋالغان بىر توپ نەزەرىيەچىلەر تەرىپىدىن چەتكە قېقىلماقتا» دېگەن.









