ياخۇ تورى ماقالىسى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دۇنيا تەرتىپى كۆز ئالدىمىزدا ۋەيران بولىدۇ

6-ئاينىڭ 15-كۈنى «ياخۇ خەۋەرلىرى» تورىدا خىتاينىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە تەقدىرى ھەققىدە بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، سىياسىي ئۆكتەملىكى، تور جاسۇسلۇقى، ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقى، كوۋىد يۇقۇمى ئارقىلىق پەيدا قىلغان گۇمانى، مال تەمىنلەش مونوپۇللۇقى، رۇسىيە بىلەن بىرلىشىۋېلىشى، تەيۋەنگە تەھدىت سېلىشى قاتارلىق قىلمىشلىرى دۇنيانىڭ گىئو-سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىدە خىتايغا پايدىسىز ۋەزىيەت شەكىللەندۈرمەكتە ئىكەن.

ئاپتور بۇ ماقالىسىدە، خىتاينىڭ ئۆزىگە ئوخشاش مۇستەبىت، زوراۋان ھاكىمىيەتلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ غەربكە قارشى سەپ تۈزۈۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى بەزى زىددىيەتتىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئارقىلىق ئىقتىسادىي كېڭەيمىچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، دۇنيا سودىسى ۋە مال تەمىنلەشنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئاخىرىدا مۇستەبىتلىكنى دۇنياغا ھاكىم قىلىپ، ئۆزىنى بولسا دۇنيانىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچىگە ئايلاندۇرۇشقا كۈچەۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ۋە كۈچ-مادارى يەتمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. چۈنكى شى جىنپىڭ غەرب دۇنياسىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە دۇنيانىڭ دېموكراتىك يۈزلىنىشىگە خىلاپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، جەزمەن كۈچلۈك قارشىلىق ۋە توسقۇنلۇققا ئۇچرايدىكەن ھەمدە تەدرىجىي ۋەيران بولىدىكەن. خىتايدىكى ئىشسىزلىق، ئىقتىسادىدىكى چېكىنىش، چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن ئايرىلىشى بۇنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى ئىكەن.

بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى ماتىۋ ھاندېرسون (Matthew Henderson) ھېنرى جاكسون جەمئىيىتى ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئوكسفورد، كەمبرىج ۋە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇغان، خىتاي مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر كۆزەتكەن ۋە كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان مۇتەخەسسىس ئىكەن.