خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ پولشانى زىيارەت قىلىش ھارپىسىدا پولشادىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر، ژۇرنالىستلار ۋە پائالىيەتچىلەر پولشا پرېزىدېنتى ئاندرېج دۇدا بىلەن باش مىنىستىرى بېتا سىدلوغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، شى جىنپىڭ كەلگەندە كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان.
ئوچۇق خەتتە، شى جىنپىڭ دەۋرىدە يۈز بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى خىتاينىڭ يېقىنقى 20 يىللىق تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئوچۇق خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ياردەمگە ئېھتىياجلىق..... ئاممىۋى گۇرۇھلار، خرىستىئانلار، ئادۋوكاتلار، ژۇرنالىستلار، فالۇنگوڭچىلار، ئازسانلىق مىللەتلەر خۇسۇسەن تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە باشقا نۇرغۇن كىشىلەر پرېزىدېنت ئەپەندى، باش مىنىستىر خانىم ۋە پولشا خەلقىنىڭ قوللىشىغا موھتاج.»
شى جىنپىڭنىڭ پولشا زىيارىتى 18-ئىيۇن باشلىنىدۇ. پولشا شى جىنپىڭنىڭ بۈگۈن باشلانغان 3 دۆلەت زىيارىتىنىڭ ئوتتۇرا بېكىتى. ئۇ بۇ سەپىرىنى سېربىيەدىن باشلاپ، پولشانى توختاپ ئۆتىدۇ ۋە ئۆزبېكىستاندا ئاخىرلاشتۇرىدۇ.
ئوچۇق خەتتە يەنە، «ئەگەر پولشا خىتاي بىلەن نورمال سودا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئويلىسا، ئۇنىڭ چوقۇم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچماسلىقى كېرەكلىكىنى، چۈنكى سودا ھەمكارلىقى سۆز ۋە دىنىي ئەركىنلىك قاتارلىق نېگىزلىك ھەق-ھوقۇقلارغا كاپالەتلىك قىلغاندىلا ساغلام تەرەققىي قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
