شى جىنپىڭ بېرمىنىڭ ئېتنىك خىتاي قوراللىق گۇرۇھى بىلەن بولغان سۆھبىتىنى قوللاشقا ۋەدە قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.08.19

بىرما دۆلەت كومىسسارى ئاڭسەن سۇچى جۈمە كۈنى بېيجىڭدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ ئاڭسەن سۇچىغا بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي-بىرما چېگراسىدىكى ئېتنىك خىتايلارنىڭ قوراللىق گۇرۇھى بىلەن بولغان تىنچلىق سۆھبىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ «خىتاي بىرما بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىغا زور ئەھمىيەت بېرىدۇ» دەپ كۆرسىتىپ، بېرمىنىڭ «تىنچلىق سۆھبىتىنى ئالغا سۈرۈشتە ئىجابىي رول ئويناش» قا ۋەدە بەرگەن. بىرما ھۆكۈمىتى يېقىندا ئېتنىك خىتاينىڭ قوراللىق گۇرۇھى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بېرمىنىڭ خىتاي پۇلى ئىشلىتىدىغان، خىتاي تىلىنى رەسمىي ھۆكۈمەت تىلى قىلىپ قوللىنىدىغان، يۈننەنگە يېقىن چېگراسىدىكى بۇ ئېتنىك خىتاي قوراللىق گۇرۇھنى قوللاپ كەلگەن.

ئاڭسەن سۇچى دەل تىنچلىق سۆھبىتى ھارپىسىدا خىتاينى زىيارەت قىلدى. بۇ ئۇنىڭ بىرما دېموكراتىيە ئىتتىپاقى سايلامدا غەلىبە قىلىپ، ھاكىمىيەت سوراشقا باشلىغاندىن بۇيان ئېلىپ بارغان تۇنجى چەتئەل زىيارىتى ئىدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئاڭسەن سۇچىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى يەنە بىر مۇھىم مەسىلە، مېكوڭ دەرياسى توسما قۇرۇلۇشى ئىكەن. خىتاي 3 مىليارد 600 مىليون دوللار دەسمى سالىدىغان بۇ قۇرۇلۇش بىرما خەلقىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، 2011‏-يىلى توختىتىپ قويۇلغان. ئۇ، تۈنۈگۈن خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بىلەن كۆرۈشكەندە توسما قۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرە قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.