شى جىنپىڭنىڭ 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا خىتايچە خەتنى خاتا ئوقۇشى تورداشلار ئارىسىدا مەسخىرە قىلىندى
2016.09.06
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ خاڭجۇدا ئېچىلغان 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ 5-سېنتەبىردىكى يېپىلىش مۇراسىمىدا، خىتاي تارىخىدىكى «ئالدىنقى چىن تارىخى» غا ئائىت قەدىمىي كىتابتىن ئېلىنغان «سودىنى راۋانلاشتۇرۇپ، دېھقاننى توقلاش» (سودىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پۇقرانى پاراۋان قىلىش) دېگەن ئىدىيومنى «سودىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كىيىمنى كەڭرى كىيىش» دەپ ئوقۇغان.
خىتايدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىدە، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ نۇتۇقلىرىدا قەدىمكى نەزملەر ۋە خىتاي ماقال، تەمسىللىرىدىن نەقىل ئېلىپ سۆزلىشى ئادەتكە ئايلانغان بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ خىتايچە خەتنى خاتا ئوقۇشى تورداشلار ئارىسىدا مەسخىرە قىلىنغان.
فىرانسىيە رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، شى جىڭپىڭ بۇ سۆزلەرنى خاتا ئوقۇشى سەۋەبلىك خىتاي تورداشلىرى تەرىپىدىن «مەدەنىيەت ساپاسى تۆۋەن، قارا قورساق داھى» دەپ تەرىپلىنىپ مەسخىرىسىگە ئۇچرىغان. نەتىجىدە خىتايدىكى ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا شى جىنپىڭنىڭ نۇتقىدا ئىشلىتىلگەن ئىدىئوم سۆزلەر سەزگۈر سۆزلەر دەپ چەكلىنىپ، بۇ ھەقتە ئىنكاس يازغان تورداشلار تۇتقۇن قىلىنغان.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بۇ قېتىم خاڭجۇدا ئېچىلغان 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى مەدھىيىلىنىپ، «تېزىسقا قارىماي تولىمۇ راۋان سۆزلەنگەن نۇتۇق بولدى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەسىرلىك نۇتقى يىغىنغا قاتناشقان دۆلەت باشلىقلىرىنى ھەيران قالدۇردى» دېگەن ئىبارىلەر بىلەن مەدھىيىلەنگەن ئىدى.









