ماسسىمو ئىنتروۋىين: «شى جىنپىڭ نېمە ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇققا قارشى؟»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-09-07
Share

شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن تۈرلۈك زۇلۇملارنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقى كۆپلەپ مەلۇم بولغان ئىدى. «زىمىستان» ژۇرنىلىنىڭ 7-سېنتەبىر ئېلان قىلغان ئوبزور ماقالىسىدە ئىتالىيەلىك جەمئىيەتشۇناس، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرى ماسسىمۇ ئىنتروۋىين ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭنىڭ نېمە ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە قارشى ئىكەنلىكىنى شەرھلىدى.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، غەرب دۇنياسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئورتاق سادىر قىلىۋاتقان بىر خاتالىق ئۇلارنىڭ شى جىنپىڭ ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىنغان شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىنى مەنبە قىلغانلىقتا ئىكەن. چۈنكى شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ نېگىزلىك ئىدىيەلىرى ئەمەلىيەتتە پەقەت خىتايچىدىلا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتايچە بىلمەيدىغان غەرپلىكلەر بۇنى ئوقۇش ۋە چۈشىنىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم ئىكەن.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «خەلق تورى» دا 2-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ھەققىدە سوئال-جاۋاب» تېمىسىدىكى چاتما ماقالىدا «بىز نېمە ئۈچۈن غەرب دۇنياسىنىڭ ئاتالمىش ‹دۇنياۋى قىممەت چۈشەنچىسى›گە قارشى تۇرۇشىمىز لازىم؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىلگەن. شى جىنپىڭنىڭ جاۋابىدا «بۇ يەردىكى ‹ئەركىنلىك›، ‹دېموكراتىيە› ۋە ‹كىشىلىك ھوقۇق› دېگەنلەر غەرب بۇرژۇئازىيەسىنىڭ تەشەببۇسلىرى. شۇڭا بىز ئۇنىڭغا قارشى تۇرىمىز» دېيىلگەن.

شى جىنپىڭنىڭ قارىشىچە، ماركسىزملىق چۈشەنچە بويىچە ئىنسانىيەت تارىخى بىرنەچچە باسقۇچقا بۆلىنىدىغان بولۇپ «فېئوداللارنىڭ زۇلمەتلىك دەۋرى» بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى ئارقىلىق پاچاقلاپ تاشلانغان. ئەمدى بۇ خىل «بۇرژۇئازىيە ئەركىنلىكى» نى ماركسىزم ئاساسىدىكى سوتسىيالىزم جەزمەن مەغلۇپ قىلىشى لازىم ئىكەن. چۈنكى «ئەركىنلىك»، «دېموكراتىيە» ۋە «كىشىلىك ھوقۇق» دېگەنلەر ئەينى ۋاقىتتا فېئودالىزمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتا تارىخىي رول ئوينىغان. ئەمما كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى سوتسىيالىزم باسقۇچىغا كەلگەندە بۇ چۈشەنچىلەر «سەلبىي» ئامىللارغا ئايلىنىپ قالغان. چۈنكى بۇرژۇئازىيە مۇشۇ «گۈزەل» شوئارلار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ كاپىتالىستىك ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ كويىدا بولماقتىكەن. يەنە كېلىپ ھازىرقى كۈندە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارالىق بۇرژۇئازىيە سىستېمىسى مۇشۇ شوئارلار ئارقىلىق دۇنيانى قايمۇقتۇرۇپ كەلمەكتىكەن.

ئاپتور شى جىنپىڭنىڭ ئەنە شۇ خىلدىكى تۈپ «ماركسىزملىق» چۈشەنچىسىنى شەرھلەش ئارقىلىق ئۇنىڭ بۇندىن كېيىن «ئەركىنلىك»، «دېموكراتىيە» ۋە «كىشىلىك ھوقۇق» دېگەن ساھەلەرگە ھەرگىزمۇ قەدەم باسمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت