ئەنگلىيە ئىشچىلار پارتىيەسى رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ ئالدىغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قويغان
2015.10.21
ئەنگلىيە ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى جەرىمىي كوربىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان.
ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا كۆرسىتىشىچە، كوربىن پادىشاھ ئېلزابېت 2-نىڭ بۇكىنھام سارىيىدا شى جىنپىڭغا بەرگەن زىياپىتىدە خىتاي رەئىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ ئالدىغا كىشىلىك ھوقۇق، خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەنگلىيە مېتاللۇرگىيە سانائىتىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى قويغان.
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شى جىنپىڭنى داغدۇغىلىق كۈتۈۋېلىپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى ئۆكتىچى پارتىيە، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان.
ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى فابيان جىنپىڭ لوندونغا يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا رەھىمە مەخمۇت قاتارلىق ئۇيغۇر، تىبەت، خىتاي پائالىيەتچىلىرىگە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىگە چۈشلۈك «غەيرىي رەسمىي دۆلەت زىياپىتى» بەرگەن.
باش ۋەزىر دەيۋىد كامىرون كىشىلىك ھوقۇققا سەل قاراش بىلەن تەنقىدلەنگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ چارشەنبە كۈنى «خىتاي بىلەن كۈچلۈك ئىقتىسادىي، سودا مۇناسىۋەت بولماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە «دوستانە» مۇزاكىرە ئېلىپ بارغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ باياناتىدا يەنە، كوربىننىڭ شى جىنپىڭ بىلەن ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخىي، ھاۋا كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.









