خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تېخىمۇ چوڭ خەلقئارالىق تاراتقۇ قۇرۇشقا چاقىرغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.06.02

رويترېس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيەسى مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلىپ، يەر شارىنى قاپلىغان تېخىمۇ چوڭ تاراتقۇ قۇرۇپ، خىتاي ھېكايىلىرىنى پۈتۈن جاھانغا ئاڭلىتىش، پۈتۈن دۇنياغا «خىتاينى ھەقىقىي، تولۇق نامايەن قىلىش» تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇنى «تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، چەت ئەللىكلەرگە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىتاي خەلقىنىڭ بەختى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىش ئۇسۇلى» دەپ چۈشەندۈرگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي تاراتقۇلىرى بىلەن چەت ئەل تاراتقۇلىرى ئارىسىدىكى زىددىيەت كۈچىيىپ كەتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ھەقىقىي خەۋەرلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلىگەن خەۋەرلىرىنى ئەيىبلەپ كەلگەن. خىتاي يەنەBBC خەۋەلىرىنىڭ خىتاي تورىدا تارقىلىشىنى چەكلىۋەتكەن.

كۆزەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ تەسەۋۋۇرى خىتاينىڭ ھەقىقىي ئاخبارات ئەركىنلىكىنى چەكلەپ، ئۆزىنىڭ يالغان تەشۋىقاتىنى يەنە بىر قەدەم كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇشى ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.