خىتايدا يۈز بەرگەن نامايىشلاردىن كېيىن شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بارغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.12.08
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ۋە خىتاينىڭ قامال سىياسىتىگە قارشى نامايىشلار دۇنيانىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان بىر ۋاقىتتا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا زىيارەتكە بارغان.

«ياپونىيە خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 8-دىكابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە «شى جىنپىڭ خىتايدا يۈز بەرگەن نامايىشنىڭ تەسىرىنى باشقا ياققا بۇراش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتىنى باشلىدى» دېيىلگەن.

بۇ خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ زىيارەت رەسمىي باشلانغىچە ئۇنى ئېلان قىلمىغان. خىتايدىكى نامايىشلار، شى جىنپىڭنى تەختتىن چۈشۈشكە چاقىرىشلار ئۇنىڭغا مەلۇم بېسىم ۋە تەھدىت شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئەگەر ئۇ بۇ قېتىملىق زىيارەتكە بارمىسا، «ئاق قەغەز ئىنقىلابى» دىن قورقۇپ تالاغا چىقالمىغان بولۇپ قالىدىكەن-دە، نامايىشنىڭ تېخىمۇ ئۇزاق سوزۇلۇشىغا مەدەت بەرگەن بولۇپ قالىدىكەن.    

7-دىكابىر كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغان شى جىنپىڭ، بۇ يەردىكى تۆت كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان. بۇ جەرياندا ئۇ تۇنجى نۆۋەتلىك خىتاي-ئەرەب ئەللىرى رەھبەرلىرى يىغىنى ۋە خىتاي-دېڭىز قولتۇقى ھەمكارلىقى كومىتېتى يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پادىشاھى سالمان ۋە  ۋەلى ئەھدىسى مۇھەممەد بىن سالمان بىلەن كۆرۈشۈپ، سەئۇدىدىن تېخىمۇ كۆپ نېفىت ئېلىش، درون (ئادەمسىز ئايروپىلان) سېتىش ۋە باشقا ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلەر ئۈستىدە كېلىشىم تۈزىدىكەن.

خەۋەردە تەھلىل قىلىنىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان شى جىنپىڭنى بىر نەچچە كۈن كاتتا كۈتىۋېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنياغا، يەنى ئامېرىكادىن باشقا خىتايغىمۇ مۇھتاج ئىكەنلىكى ھەققىدە سىگنال بەرمەكچى بولغان. 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.