ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى «تاجاۋۇزچىلىق ۋە مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى» خىتايغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشقا چاقىرغان.
ئانتونىي بىللىنكېن 24-مارت چارشەنبە كۈنى بىريۇسسېلدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن مۇھىم نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇ نۇتقىدا خىتاي تەھدىتى ئۈستىدە نۇقتىلىق توختىلىپ، ئامېرىكانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى، يەنى ناتودىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشلىرىغا ئورتاق تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىلىنكېن سۆزىدە «شۈبھىسىزكى، خىتاينىڭ مەجبۇرلاش ھەرىكىتى بىزنىڭ كوللېكتىپ بىخەتەرلىكىمىز ۋە گۈللىنىشىمىزگە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا ئۇ خەلقئارا سىستېمىنىڭ قائىدىسى شۇنداقلا بىز ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىزغا ئورتاق بولغان قىممەت قاراشلىرىمىزنى نەزەردىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن ئاكتىپلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ» دېگەن.
ئۇ سۆزى داۋامىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى ئەيىبلەپ خىتايغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك جازا تەدبىرى ئېلان قىلغانلىقىنىمۇ تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، «بېيجىڭنىڭ ئۆچ ئېلىش جازاسى بىزنىڭ بىرلەشكەندىلا ئاندىن مۇستەھكەم بولىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئەگەر ئۇنداق قىلالمىساق، بىز خىتايغا جازالىرىنىڭ ئىشقا يارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ قالىمىز» دېگەن.
بىلىنكېن سۆزىدە خىتاينىڭ دېڭىز سەپەر ئەركىنلىكىنى چەكلىشى، جەنۇبىي دېڭىزنى ھەربىيلەشتۈرۈشى، ھىندى-تېنچ ئوكياندىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى نىشانلىشى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان زۇلۇمى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە بىرمۇ-بىر توختالغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ كۈنى يەنە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى جىنس ستولتېنبېرگ «ناتو خىتاينى دۈشمەن دەپ قارىمايدۇ، ئەمما خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشى بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىزگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، خىتاي بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىزنى ئورتاقلاشمايدىغان دۆلەت. بىز ئۇلارنىڭ خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك نامايىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆز دۆلىتى ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنى قانداق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قانداق قىلىپ قانۇن ئاساسىدىكى خەلقئارا تەرتىپلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز» دېگەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ناتو يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.