ئامېرىكا ۋە خىتاي شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى مەسىلىسىدە بىرلىككە كەلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.02.05

ئامېرىكا بىلەن خىتاي، شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى قاتتىق تەنقىدلەش ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان. رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۈمە كۈنى تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشۈپ، شىمالىي كورېيەنىڭ ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلەش ھەم شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى شىمالىي كورېيەنىڭ ھەرىكەتلىرىگە قارىتا ئۈنۈملۈك بىر تەدبىر ئېلىشقا چاقىرىش قاتارلىق نۇقتىلاردا كېلىشكەن.

ئاقساراي باياناتىدا «شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشى ئىغۋاگەر ۋە تىنچلىق بۇزغۇچى بىر ھەرىكەت. ئامېرىكا ۋە خىتاي ھەر ئىككى دۆلەت بارلىق دۆلەتلەرنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە ئورتاق قارشى تۇرۇپ، كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكى شۇنداقلا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر ئېلىشىنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشىنىدۇ» دېگەن.

شىمالىي كورېيە بۇ يىل 1-ئاينىڭ 6-كۈنى تۇيۇقسىز يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىپ، دۇنيانى چۆچۈتكەن ئىدى. ئامېرىكا باياناتىدا شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭمۇ خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىقىنى ئەسكەرتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.