كىم جۇڭئۇن ھىدروگېن بومبىسى ئارقىلىق نيۇيوركتىكى مانخاتتاننى كۈلگە ئايلاندۇرۇۋېتىدىغانلىقى ھەققىدە لاپ ئۇرغان

«تېلېگراف» گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شىمالىي كورېيەنىڭ 3-ئەۋلاد كوممۇنىست دىكتاتورى كىم جۇڭئۇن شىمالىي كورېيە ياسىغان ھىدروگېن بومبىسى ئارقىلىق نيۇيوركتىكى مانخاتتان ئارىلىنى كۈلگە ئايلاندۇرۇۋېتەلەيدىغانلىقى ھەققىدە لاپ ئۇرغان.

كىم جۇڭئۇن بۇ سۆزلەرنى بۈگۈن شىمالىي كورېيەنىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيەسى ئارقىلىق ئېلان قىلغان ھەمدە شىمالىي كورېيە ياساپ چىققان ھىدروگېن بومبىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ياسىغان ھىدروگېن بومبىسىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى پەش قىلغان.

شىمالىي كورېيە دۆلەت تېلىۋىزىيەسى تارقاتقان خەۋەردە، شىمالىي كورېيەلىك يادرو قوراللىرى مۇتەخەسسىسىنىڭ سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلگەن: «ئەگەردە شىمالىي كورېيە ياساپ چىققان ھىدروگېن بومبىسى قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق نيۇيوركنىڭ مانخاتتان ئارىلىغا تاشلانسا، ئۇ يەردىكى ھەممە ئادەم ۋە جانلىق بىرقانچە سېكۇنت ئىچىدە كۈلگە ئايلىنىدۇ.»

مۇتەخەسسىسلەر كىم جۇڭئۇننىڭ باياناتىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، گەرچە شىمالىي كورېيە يادرو قوراللىرىغا ئىگە دۆلەت بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ياساپ چىققان ئاتالمىش ھىدروگېن بومبىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلغۇدەك دەرىجىدە بولۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ پەقەت بىر «تەشۋىقات جېڭى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.