شىمالىي كورېيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ب ب س مۇخبىرى بېيجىڭغا يېتىپ بارغان

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب ب س نىڭ شىمالىي كورېيەگە ئەۋەتىلگەن مۇخبىرى رۇپېرت ۋىڭفېلد-ھايېس ۋە ئۇنىڭ ئىككى نەپەر ھەمراھى ئۆتكەن جۈمە كۈنى پيوڭياڭدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇتقۇن قىلىنغان.

ئىگىلىنىشىچە، شىمالىي كورېيە دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ پيوڭياڭدىن بەرگەن خەۋەرلىرىدىن غەزەبلەنگەن ھەمدە ئۇلارنى «رېئاللىقنى بۇرمىلىغان» دەپ ئەيىبلىگەن.

رۇپېرت قاتارلىقلار پيوڭياڭدا 8 سائەت سوراق قىلىنغان ۋە ئاخىرىدا بىر پارچە «كەچۈرۈم سوراش باياناتى» غا مەجبۇرىي ئىمزا قويدۇرۇلغاندىن كېيىن چېگرادىن ھەيدەپ چىقىرىلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ب ب س نىڭ بۇ ئۈچ نەپەر مۇخبىرى پيوڭياڭدا ئېچىلىۋاتقان شىمالىي كورېيە ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى نەق مەيداندىن خەۋەر قىلىش ئۈچۈن بارغان ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم شىمالىي كورېيە دائىرىلىرى 12 دۆلەتتىن جەمئىي 128 مۇخبىرغا ۋىزا بەرگەن ئىكەن. ھالبۇكى، كۆزەتكۈچىلەر ب ب س مۇخبىرىنىڭ پيوڭياڭدا تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشىنى شىمالىي كورېيەگە كىرىشكە ۋىزا بېرىلگەن باشقا چەتئەل مۇخبىرلىرىغا بېرىلگەن بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

شىمالىي كورېيە ھەيدەپ چىقارغان ب ب س مۇخبىرلىرىنىڭ نۆۋەتتە بېيجىڭغا يېتىپ بارغانلىقى مەلۇم.