شىمالى كورېيە يادرو سىنىقى خەلقئارانىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى

شىمالىي كورېيەنىڭ جۈمە ئەتىگەندە ئېلىپ بارغان يادرو سىنىقى خەلقئارانىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى. جەنۇبىي كورېيە پرېزىدېنتى پاك گۇنخۇي شىمالىي كورېيەنىڭ ھەرىكىتى «ئۆزىنى ئۆزى ۋەيران قىلغانلىق»، بۇ، كىم جۇڭئۇننىڭ «بىپەرۋا تەلۋىلىكى»نى كۆرسىتىدۇ، دېگەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما، يادرو سىنىقى «رايون بىخەتەرلىكى، خەلقئارا تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا زور تەھدىت، دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ، شىمالىي كورېيەگە يېڭى خەلقئارا ئېمبارگو قويۇشقا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە بولسا شىمالىي كورېيەنىڭ ماجىراپەرەسلىكنى تاشلاپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بارلىق قارارلىرىنى شەرتسىز ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. خىتاي يادرو سىنىقىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما تەرەپلەرنى ۋەزىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋېتىدىغان ھەرىكەتلەردىن ھەزەر ئەيلەشكە چاقىرغان. ياپونىيە شىمالىي كورېيەنى رايوندىكى قانۇنسىز قوشنا، دەپ كۆرسىتىپ، شىددەتلىك نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ، شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ يىل ئىچىدىكى 2‏-قېتىملىق يادرو سىنىقى. ئۇ 2006‏-يىلى ئېلىپ بارغان تۇنجى يادرو سىنىقىدىن كېيىن، ب د ت ئۇنىڭ يادرو سىنىقىنى چەكلىگەن.

جەنۇبىي كورېيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پىيوڭياڭ جۈمە كۈنى ئېلىپ بارغان يادرو سىنىقىنىڭ پارتلاش كۈچى ئۆتكەن قېتىمقىدىن بىر ھەسسە ئارتۇق بولۇپ، 15 كىلوتون كېلىدىكەن. يادرو سىنىقىدىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى دەرھال يىغىنغا چاقىرغان. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خەۋپسىزلىك كېڭىشى جۈمە كۈنى سائەت 19:00 دا توپلىنىدىكەن.