شىمالىي كورىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى مەغلۇپ بولدى
2016.10.16
شىمالىي كورىيە شەنبە كۈنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىپ، مەغلۇپ بولغان. قويۇپ بېرىلگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا نىشانغا يەتمەيلا پارتلاپ كەتكەن.
ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى تەرەپ شەنبە كۈنى چۈشتە مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى سېزىۋالغان بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭ شىمالى ئامېرىكىغا ھېچقانداق تەھدىت ئېلىپ كېلەلمەيدىگانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي كورىيە تەرەپ شىمالىي كورىيەنىڭ شەنبە كۈنىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشقا ئۇرۇنۇشىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، بۇنىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە قوماندانلىق شىتابى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ شىمالى كورىيەنىڭ بۇ قېتىمقى ۋە يېقىنقى ۋاقىتلاردا ئېلىپ بارغان راكېتا سىناقلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شىمالى كورىيەنىڭ بۇ قېتىمقى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىلگەن جاي خىتايغا يېقىن ئىدى. بۇ خەۋەر خىتاي مەتبۇئاتلىرى تەرىپىدىنمۇ خەۋەر قىلىنسىمۇ، ئەمما بېيجىڭ ھېچقانداق تەنقىدىي پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرمىگەن.









