شىمالىي كورىيەنىڭ راكېتا سىنىقى قاتتىق قارشىلىق قوزغىدى

شىمالىي كورىيە ئۇزۇن مۇساپىلىق راكېتا قويۇپ بېرىشى قاتتىق تەنقىدكە دۇچ كەلدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررى شىمالىي كورىيەنىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ قارارىنى قوپاللىق بىلەن بۇزغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «كورىيە خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى بىر ئاي ئىچىدىلا ئىككىنچى قېتىم كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ بىخەتەرلىكىگىلا ئەمەس بەلكى، رايوننىڭ ھەم ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغان زور ئىغۋاگەرچىلىكنى سادىر قىلدى> دېدى.

«گۋاردىئان»گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابې پىيوڭياڭنىڭ بۇ قىلمىشىنى تەنقىد قىلىپ، بۇ«مۇتلەق قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ھەرىكەت»دېگەن.

ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جۇلىتە بىشوپ، پىيوڭياڭنىڭ دۇنيا تىنچلىقىغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بولسا، ئەنگلىيەنىڭ شىمالىي كورىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنتى بۇ قىلمىشقا «كەچۈرگىلى بولمايدىغان ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ باھا بەرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇئا چۈنيىڭ خىتاي تەرەپنىڭ شىمالىي كورىيەنىڭ مەزكۇر ھەرىكىتىدىن «ئەپسۇسلىنىدىغانلىقى»نى بىلدۈردى.

ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيە بۇ مەسىلىدە تېزدىن ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ يىغىنىنى چاقىرىشنى تەلەپ قىلدى.