شىمالىي كورىيە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي، پىيوڭياڭنىڭ شىمالىدىكى سوخې ئالەم تېخنىكىسى سىناق بازىسىدىن 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئەتىگەن سائەت 9يېرىمدا ئۇزۇن مۇساپىلىق راكېتا قويۇپ بەرگەن.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى ئۆزىنىڭ غەلىبىلىك ھالدا يەر شارىنى ئۆلچەش سۈنئىي ھەمراھى«كيۋاڭميوڭسوڭ - 4» نى قويۇپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان ۋە مەزكۇر سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىلىپ، ئون مىنۇتلار ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئوربىتىغا كىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شىمالىي كورىيە مەزكۇر سۈنئىي ھەمراھىنىڭ دۆلەت رەھبىرى كىم جوڭ يۇننىڭ بىۋاسىتە بۇيرۇقى بويىچە قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ياپونىيە كىيوتو خەۋەرلىرى ئاگېنتلىقى 7 - فېۋرال ئەتىگەن سائەت 9دىن 31 مىنۇت ئۆتكەندە، شىمالىي كورىيەنىڭ راكېتاغا، يەنى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئوخشايدىغان ئۇچۇش ئەسلىھەسى قويۇپ بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.
جەنۇبىي كورىيە تەرەپمۇ شىمال كورىيەنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق راكېتا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان راكېتانىڭ ئۇچۇش يۆنىلىشىنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
