رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى شىمالىي كورىيە ھۆكۈمىتىنى دەرھال شىمالىي كورىيە تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغان بەش نەپەر رۇسىيەلىكنى ۋە ئۇلارنىڭ كېمىسىنى قويۇۋېتىشكە چاقىردى.
رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەنبە كۈنى شىمالىي كورىيە دېڭىز مۇداپىئە دائىرىلىرى رۇسىيەنىڭ بەش كىشى ئولتۇرغان بىر يەلكەنلىك كېمىسىنى تۇتۇۋالغان بولۇپ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىسنىتىرلىكى پىيوڭياڭ دائىرىلىرىدىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغان. رۇسىيە تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر يەلكەنلىك كېمىنىڭ جەنۇبى كورىيەنىڭ پۇسان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يەلكەنلىك كېمىلەر مۇسابىقىسىگە قارىشىپ، ۋلادىۋوستوكقا قايتىش سەپىرىدە ياپون دېڭىزىدا كېتىۋاتقاندا، شىمالى كورىيە دېڭىز قىرغىقىدىن 129 كىلومېتىر نېرىدا تۇتۇۋېلىنغان.
رۇسىيەنىڭ شىمالىي كورىيەدىكى ئەلچىسى ئەھۋال ئىگىلەپ، مەزكۇر كېمىنىڭ شىمالى كورىيەنىڭ چىنجىن پورتىدا ۋە ماتروسلارنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ئەمما كېمە ۋە ماتروسلار تېخى قويۇپ بېرىلمىگەن.
مەزكۇر خەۋەر تېزدىن خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا تارقالغان بولۇپ، شىمالىي كورىيە رۇسىيەنىڭ كۆپ يىللىق ئىتتىپاقچىسى ئىدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن تارتىپ تاكى ھازىرقى رۇسىيە شىمالىي كورىيەنى ئىزچىل قوللاپ كەلمەكتە ئىدى.
