بېيجىڭدا «شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى» نامىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن
2016.05.18
خىتاي مۇخبىرلار جەمئىيىتى 18-ماي كۈنى 90 - قېتىملىق چاي سۆھبىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، «شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى» نامىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى ۋۇ فۇخۇەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاي ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ۋۇ فۇخۇەن «شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى» ناملىق بۇ تېمىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خەلقنىڭ كىيىمى پۈتۈن، قورسىقى توق بولدى، مائارىپ ۋە داۋالىنىش جەھەتتە كاپالەتكە ئىگە بولدى، دېگەن. ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللەت ۋە دىن مەسىلىلىرى بويىچە سورالغان سوئاللارغا «ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئىناق ۋە مۇقىم دېيىشكە بولىدۇ،» دېگەن مۈجمەل جاۋابنى بەرگەن.
مەزكۇر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ۋۇ فۇخۇەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، بولۇپمۇ رايوننىڭ ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى تەرەققىياتى ھەققىدە كۆپ سۆزلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەزگۈر تېما بولغان مىللەت، دىن، ئاپتونومىيە ھوقۇقى ۋە «قوش تىللىق مائارىپ» قاتارلىق مەسىلىلەردە خىتاي ھۆكۈمىتى دەپ كەلگەن بۇرۇنقى كونا مۇقاملارنى يەنە تەكرارلىغان.
ئالدىنقى كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «2016-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى» ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.









